ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش سانى جەھەتتە بىردەك ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى
2014 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 مىڭ 210 پاتېنت ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار ئىلتىماس قىلغان پاتېنت 5020. 2013 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش سانى جەھەتتە بىردەك ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، 2014 - يىلى كارخانىلارنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش سانى 2009 - يىلىدىكىنىڭ 6.6 ھەسسىسىگە، ھوقۇق بېرىش سانى 2009 - يىلىدىكىنىڭ 7.3 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، كارخانىلار بارغانسېرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندى.
1985 - يىلى 1 - ئاپرېل، ئېلىمىزنىڭ «پاتېنت قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرى پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ باقمىغان.
مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خىراجەت، تۈر ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى كارخانىلارغا پائال مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىككى دەرىجىلىكنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى نۇقتىدا سىناش(ئۈلگە كۆرسىتىش) خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق شەھەرلەر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق باغچا رايونلىرى، ئىقتىساد تەرەققىيات رايونلىرى ۋە كارخانىلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پاتېنتقا ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 33 كارخانا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە نۇقتىدا سىناش(ئۈلگە كۆرسىتىش) كارخانىسىغا ئايلاندى.
كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يەنە «كارخانا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش»نى پائال يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى ھەم ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشتا ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان تۈزۈمنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇلتۇر، قاراماي شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى پونكىتى» قۇردى.
ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ؛ كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى چىقىمى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى چىقىمى ئومۇمىي سوممىسىدىن %700 ئېشىپ كەتتى؛ كارخانىلار پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %50ىنى ئىگىلەيدۇ.
پەن - تېخنىكا تارماقلىرى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىغا قارىتا، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى، 2010 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 598 تۈرنى قوللاپ، بۇنىڭغا 164 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ %7.38ىنى ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش سانى 3320 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئومۇمىي ساننىڭ %32.5ىنى، ھوقۇق بېرىش سانى 2082 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئومۇمىي ساننىڭ %39.7ىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان ۋە ھوقۇق بېرىلگەن كارخانىنىڭ %66.1ىنى ئىگىلىگەن.
كارخانىلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلىنىشى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تېز ئايلانغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى بىلەن تېخنىكا ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. مەسىلەن، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش، پاختا، باغۋەنچىلىك قاتارلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان 28 ئىستراتېگىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، رايون، ساھە ۋە پەن ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %70تىن ئاشقان بولۇپ، نۇقتىدا سىناش (ئۈلگە كۆرسىتىش) كارخانىلىرىنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن ئاشقان.
تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئىشلىگەن فىلىم ‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي››نىڭ فىلىم كۆرۈش يىغىنى 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي›...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved