مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 2015 - يىللىق جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋە شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئالاقىسى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىككى جاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھازىر يادرولۇق رايون قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يىپەك يولى شانلىق مەدەنىيىتىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، سودىگەرلەر توپلاشقان، ھەر قايسى ساھەدىكى ئەربابلار ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان جاي بولۇشىغا ئىشەنچىم كامىل، كۆپچىلىكنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رازى بولۇپ قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋى مۇدىرى يۈەن مىنجۇڭ مۇنداق دېدى: سودا يەرمەنكىسى ئىنتايىن ياخشى سۇپا، بىز شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە يەنىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئەنگلىيە سودا - سانائەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا نۇرغۇن پۇرسەتكە ئېرىشتى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ يەتكۈزۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەنگلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى، تاۋار سودىسى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەنگلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ لېدىرى فۇ جۇڭسېن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر بىرلىشىپ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى. بۇ سۇپا ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يەرمەنكە ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىش، سودا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ سودا مەخسۇس خادىمى داۋىد مورىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا بولۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتى قويۇق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 61 دۆلەت ۋە رايوننىڭ سودا - سانائەت تارماقلىرى ۋە سودا - سانائەت ئاپپاراتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا سودا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لاتۋىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىساد، سودا مەسلىھەتچىسى ئېۋا لان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ نۇرغۇن سودا پۇرسىتىگە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساھە ۋە يۇقىرى قاتلامغا قەدەم قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئىشلىگەن فىلىم ‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي››نىڭ فىلىم كۆرۈش يىغىنى 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي›...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved