كۆرگەزمە رايونى ئەتراپىنىڭ قاتناش ئەسكەرتمە خەرىتىسى
ئۆز خەۋىرىمىز: 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى 1000 تاكسى كۆرگەزمە ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 10-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەخسۇس كۆرگەزمە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تاكسىلارغا «كۆرگەزمە مەخسۇس تاكسىسى» دېگەن خەت ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ مۇلازىمەت كىنىشكىسى بار ئىكەن. بۇ تاكسىلار يولۇچى سالمىغان ھالەتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن قىزىلتۈپە يولى ياكى كۆرگەزمە يولىنى ئايلىنىپ، قىزىلتۈپە مەنزىرە رايونى ئىشىكى ئالدىدىكى چىفىڭ يولىدىكى تاكسى بېكىتىدە يولۇچى سالىدۇ، ئادەتتە بۇ يەردە يولۇچى كۈتىدىغان بۇ خىل تاكسىلارنىڭ سانى 30دىن كەم بولمايدۇ؛ باشقا تاكسىلار يولۇچىلارنى پەقەت قاتناش تىزگىنلەنگەن جايغىچىلا ئاپىرىدۇ، ئۇنىڭدىن چۈشكەن يولۇچىلار بۇ ئەتراپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 58 ئۆتكۈنچى ئاپتوبۇسنىڭ بىرىگە ئالمىشىپ كۆرگەزمە مەركىزىگە بارىدۇ.
دۆلەت ئىچى ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 18-ئاۋغۇست ئېچىلىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئىگىلىنشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىدا «ئون خىزمەت كۈنىدە بىر قېتىم تەڭشەش» پرىنسىپى بويىچە، 18-...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved