تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئىشلىگەن فىلىم ‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي››نىڭ فىلىم كۆرۈش يىغىنى 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي›› ناملىق فىلىم 55 كۈندە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئاساسىي كۆرۈنۈشلىرى شىنجاڭ ۋە شاڭخەيدە سۈرەتكە ئېلىنغان، بۇ فىلىم 9-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
بۇ فىلىمدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلىرىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved