www.4tadu.com
  • يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە رېتسىپلار

     

    ھەببى سىل

    تەركىبى:ئاقلانغان  تاتلىق بادام مېغىزى، ئاقلانغان ئاچچىق بادام مېغىزى ،قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان چىلغوزا مېغىزى، ناۋات 14 گرامدىن؛ ئەينالۇ، رۇببىسۇس، ئېرسا ئالتە گرامدىن؛ زەفەر، ئەپيۇن تۆرت گرامدىن ؛.

    دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قالغانلىرىنى سالايە قىلىپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلىنىدۇ.

    گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاۋازنى ياخشىلاش،جاھىل ۋە كونا يۆتەلنى توختىتىپ ، ئۆپكە جاراھىتىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

  •  

    قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار

     

    كۇچادىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە

    ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

     

    ‹‹باۋېر قوليازما نۇسخىسى››نىڭ ئىككىنچى قىسىم 160-161 –بەتلىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:پاكىز قاچىغا سېرىق مېۋىلىك پېدىگەننى سىقىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ تۆرت لىتىر پېدىگەن سۈيىگە بىر لېتىر سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ،چۈرۈك كەترەن، ئوغرىتىكەن،جۇخارگۈلىنى يۇقىرىقى قايناتمىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم دورا ياسىلىدۇ. بۇ رېتسىپ بەش خىل يۆتەلگە شىپا بولۇپ ، دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!