-
شېئىرىمغا خىتاب
بوغۇم بىلەن بوغۇلمىغىن،
تۇراق بىلەن تۇراقلاشما.
ھۆر پىكىر قىل!
ئەل كۆڭلىدىن
يىراقلاشما، يىراقلاشما.
★★★★★ -
دوستۇمغا سۆزۈم
سەنمۇ كۈلگىن، مەنمۇ كۈلەي بۇرادەر،
تەڭ كۈلەيلى بۇ ھاياتتا- ئۆمۈردە.
كۈلكە بىزگە بولۇپ قالسۇن خاتىرە،
بەلكىم بىللە بولالمايمىز ئۆلۈمدە.
★★★★★ -
ھەقىقىي شائىر
شائىرلىققا قىلىپ مەن ھەۋەس،
چاغلاپتىمەن ئۇنى بەك ئاسان.
چىن، ھەقىقىي شائىر دىگەننىڭ
بولمايدىكەن قەلبى چۆل-خازان.
★★★★★ -
يادىكار
قەلەمدۇر ھەر قاچان ماڭا دىلبەر- يار.
ئۇ بىلەن ئەجرىمدىن چاچىمەن ئىپار.
ۋىجدانىم خالىماس ئىزسىز ياشاشنى،
ئىجادىم خەلقىمگە مەندىن يادىكار.
★★★★★ -
زىيا سەمەدىي ئۇيغۇر-سوۋېت ئەدەبىياتىدا بىرىنچى بولۇپ تارىخى تېمىدا قەلەم تەۋرەتكەن ۋە مۇرەككەپ، قىيىن ۋە شەرەپلىك نىشاننىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان يازغۇچى
-
resimlerdin uyghur turmushigha nezer
-
دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش. ۋايساشنى تۈگىتىش.
-
بىلگۈچى سۆزلىمەيدۇ. سۆزلىگۈچى بىلمەيدۇ.
-
نىھايەت، بۇ دۇنيادا سىزدەك دانىشمەن ئۈچۈنمۇ يېشىلمىگەن سۇئاللار بارمۇ؟
-
ئېپىمېنىدنىڭ «يالغان سۆزلىگەن كرىتلىق» ھەققىدىكى زىددىيەت مەنتىقىسى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان دانىشمەنلەر ئۈچۈن يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق بولۇپ قالغان.
-
قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى بىئانت-يۇنانىستاندىكى يەتتە يېتەكچى پەيلاسوپنىڭ بىرى ئىدى.