版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39510755.html

    (8) پىفاگور

    (مىلادىدىن ئاۋۋالقى 576-496 يىللار)


    جەنۇبىي ئىتالىيەنىڭ رېگىيە شەھرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى پىفاگور منېسەرخ ئىسىملىك كىشىنىڭ پەرزەندى ئىدى. ئاتىسى خىزمەت سەپىرىدە  دائىم ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن. نەتىجىدە پىفاگور قىزىقىشچان ۋە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىشچان بولۇپ ئۆسكەن.
    ئۇ پەيلاسوپلاردىن ئاناكسىماندىر بىلەن فېرېكىدنىڭ شاگىرتى ئىدى.
    پىفاگور ئۇزاق ۋاقىت مىسىردا ئوقۇغان، زەردۇشت دىنىغا بەك قىزىققان. ئۇ مىسىردا ئىلىم سىرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەتتا خەتنە قىلدۇرۇشقىمۇ رازى بولغان. لىكىن ئۇنى كىتابلارغا يېقىنلاشتۇرمىغان. ئۇ ھىچقاچان مەيۈسلەنمىگەن ۋە ئومۇمەن ھىسسىياتقا بېرىلمىگەن.

    پىفاگورنىڭ تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى مەلۈم:
    (1) «تەبىئەت ھەققىدە»
    (2) «دەۋلەت ھەققىدە»
    (3) «تەربىيە ھەققىدە»
    (4) «جان ھەققىدە»
    (5) «ئالەم ھەققىدە»
    (6) «ئىلاھىي كالام»

    پىفاگور مىلادىدىن ئاۋالقى 496-يىلى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    پىفاگور  ھاياتنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت قاراشلارغا-«پەلسەپە» دەپ نام بەرگەن تۇنجى دانىشمەن ئىدى.

    پىفاگور ھىكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:

    ★ رىۋايەت قىلىنىشىچە، فلىئۇنت شەھرىگە سەپەر قىلىش ۋاقتىدا ھاكىم لېئون پىفاگوردىن سورىدى:
    - سەن قايسى ئىلىمنىڭ بىلىمدانىسەن؟
    - ھىچ قايسى،  دەپ جاۋاب بەردى پىفاگور،  مەن ئادەتتىكى بىر پەيلاسوپ.
    - پەلسەپە دىگەن نىمە ئۆزى؟  تەئەججۈپلىنىپ سورىدى ھاكىم.
    پىفاگور مۇنداق جاۋاب بەردى:
    - ئىنساننىڭ ئۆمرىنى بازار ۋە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قىياسلاش مۈمكىن. بازاردىكى سېتىقچىلار ھەم، خېرىدارلار ھەم دائىم ئۆز پايدىسىنى كۆزلەيدۇ. ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتناشقۇچىلار بولسا شان-شۆھرەت ۋە مەشھۇرلۇق كويىدا بولىدۇ. مەيداندىكى تاماشابىنلار بولسا ئۇلارنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتتىمۇ ھەم شۇنداق. ئادەملەرنىڭ كاتتا بىر گورۇھى بايلىق ۋە شان شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پالاقلايدۇ. ئەنە شۇ ئالامان ئارىسىدا ئازچىلىقنى تەشكىل قىلغۇچى بىر گورۇھ باركى، ئۇلار بىر چەتتە تۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنى جىمجىتقىنە كۈزىتىپ. ۋەقە-ھادىسىلەرنى، ئىنسان تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھەقىقەتنى ئاڭلاش-ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشىدۇر. ئەنە شۇ تائىپەدىكى ئادەملەر  پەيلاسوپلار-دانالىقنى سۆيگۈچىلەر-دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار سوفىستلەر، يەنى دانىشمەنلەر ئەمەس. چۈنكى ھەقىقى مەنادىكى دانىشمەنلىك يالغۇز ئاللاھقا خاس سۈپەت. بەندەلەر بولسا دانىشمەنلىككە ئىنتىلىش بىلەن كۈپايىلىنىدۇ. خالاس.

    ★ دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش. ۋايساشنى تۈگىتىش.
    ★ ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدىكى: «مەن ئۇنى قانداق ئۆتكەزدىم؟ نىمەلەرنى قىلدىم؟ نىمىلەرنى قىلالمىدىم؟» - دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب تېپىلمىغۇچە كۆزلىرىڭ ئۇيقۇغا كەتمىسۇن.
    ★ ئەي ئادەملەر! ئەڭ ئاۋۋال ئىزگۈ ئەخلاققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. چۈنكى، ئەخلاق - قانۇننىڭ ئاساسىدۇر.
    ★ تەرتىپ-سېنىڭ مۇقەددەس مەقسىتىڭ بولسۇن. سەن بۇ مەقسەت يولىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىل. چۈنكى، تەرتىپ - ھەممە نەرسىنىڭ مەجمۇئەسىدۇر (يىغىندىسىۇر). تەبىئەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەم تەرتىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان.
    ★ ئەگەر سەندىن، «ئىزگۈلۈك نىمە؟» دەپ سورىسا، «ئەمەلدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان دانىشمەنلىكتۇر» دەپ جاۋاب بەر.
    ★ ئاڭلاش ۋە سۈكۈت قىلىش سېنى دانالىققا يىتەكلەيدۇ. سۈكۈت - دانالىقنىڭ باشلىنىشى.
    ★ بىلىملىك بولۇش بىلەن دانىشمەنلىكنى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ ھىسابلىماڭ.
    ★ خۇسۇسىي مۈلكى بولمىغان پۇخرا - ۋەتەنسىزدۇر.
    ★ ئەي، ئاددىي خەلق ئارىسىدا ياشاشقا مەھكۈم دانىشمەن! سەن مايغا(ياغقا) ئوخشىشىڭ لازىم. ماي سۇغا ئارىلىشىپ كەتمەي، ئۇنىڭ يۈزىدە پاقىراپ تۇرىدۇ.
    ★ سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە ھاكىم بول. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ شاھ بولساڭ، ئادالەتلىك باشقۇرۇش دەۋرىدە يۈكسەك ھۆكۈمرانلىققا ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەتكە ئېرىشىسەن.
    ★ ئايالى بىلەن مۇرەسسەگە كېلەلمىگەن ئادەمنى دوست تۇتما.
    ★ جانزاتلارنى (ھاياتلىقنى) ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ئادەم ئۆلتۈرۈش جانۋارلارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلانغان.

     (داۋامى بار)
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: