版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39510707.html

    (7) لاۋزى

    (مىلادىدىن بۇرۇنقى 579-يىلدىن 499-يىلغىچە ياشىغان)


    جۇڭگولۇق پەيلاسوپ لاۋزى- چۇ بەگلىكىنىڭ پۇخراسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى لى ئېر ئىدى. لاۋزى دىگەن سۆز-«ئۇستاز لاۋ» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «لاۋ» دىگىنى لەقىمى بولۇپ، «قېرى» دىگەنلىكتۇر.
    لاۋزى جۇۋ سارىيىدا ئارخىپ خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلغان. كوڭزى بىلەن ئۇچراشقان. لاۋزى جۇۋ ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە تەركى دۇنيا بولۇپ، غەربكە يول ئالغان.
    لاۋزى چىگراغا كەلگەندە، چېگرا باشلىقى ئۇنىڭدىن ئۆز ۋەتىنىگە بىرەر نەرسە قالدۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لى ئېر چىگرا باشلىقىغا بەش مىڭ بەلگىدىن ئىبارەت قوليازمىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ تارىختا «داۋئىزىم» (‹ئىزگۈلۈك يولى› ياكى ‹كۈچ ۋە ھەرىكەت ھەققىدىكى كىتاب›) نامى مەشھۇر كىتاب ئىدى. بۇ كىتابتا «داۋ (تەرىقەت) تەلىماتى» نىڭ ماھىيىتى سۆزلىنىدۇ.
    «داۋ» خېتى ئىككى قىسىمدىن، يەنى «باش ۋە ماڭماق» دىگەن سۆزدىن تۈزۈلىدۇ. بۇ «ئادەملەر ماڭىدىغان يول» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ھازىر بولسا «داۋ» دىگىنى - «قانۇنىيەت، قانۇن» دىگەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    لاۋزى ھىكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:

    ★ داۋ - زىمىن ۋە ئاسماننىڭ يىلتىزىدۇر. داۋ - ھەممە نەرسىنىڭ ئانىسى، ئالەمنىڭ ئاساسىدۇر.
    ★ داۋنىڭ نە سۈرىتى، نە ئاۋازى، نە شەكلى بار؟ ئۇنىڭغا قارايسەن، ئەمما كۆرەلمەيسەن. قۇلاق سالىسەن، ئاڭلىيالمايسەن. قوغلايسەن، تۇتالمايسەن.
    ★ ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە ئامانەتتۇر.
    ★ مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك نەرسەلەر ئۆلۈمنىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر.
    ★ ئاھ، بەختسىزلىك! ئۇ بەختنىڭ مەنبەسىدۇر. ئاھ، بەختىيارلىق! ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يوشۇرۇنغاندۇر.
    ★ بۈيۈك ئىشلار ئەلۋەتتە كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ.
    ★ بوش ۋە ئاجىز نەرسىلەر مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك نەرسىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. يەر يۈزىدە سۇدىن يۇمشاقراق ۋە زەئىپراق ھىچ نەرسە يوق. ئەمما ئۇ مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك نەرسىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ھىچ قانداق كۈچ ئۇنى يېڭەلمەيدۇ.
    ★ بىلگۈچى سۆزلىمەيدۇ. سۆزلىگۈچى بىلمەيدۇ.
    ★ نەپرەتكە ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كىرەك.
    ★ غەنىمنى‹؟› توغرا باھالىيالماسلىقتىن ئارتۇق كۈلپەت يوق.
    ★ مېنى قانچە كەم بىلسە، شۇنچە قەدىرلىنىمەن. شۇ سەۋەبتىن دانالىقتا كامىل ئادەملەر قېلىن ئەسكى كىيىملەرگە پۈركىنىپ، قوينىدا گۆھەر يوشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.
    ★ ئادەملەرنىڭ ئارقىڭدىن ئەگىشىشىنى ئىستىسەڭ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈر.
    ★ ئۆز خاھىش - ئىستەكلىرىنىڭ چېكىنى بىلمەسلىكتىن ئارتۇق بەختسىزلىك بولمايدۇ.
    ★ ئىھتىيات بىلەن پىكىر قىلىڭ، ئۇ ھەرىكىتىڭىزنىڭ باشلىنىشىدۇر.
    ★ بۈيۈك توغرىلىق ئەگرىلىكتەك، بۈيۈك ئەقىل ئەخمەقلىقتەك كۆرۈنىدۇ.
    ★ ئادەملەر گۈزەللىكنى بىلگەندىن باشلاپ خۈنۈكلۈك پەيدا بولغان. ئادەم ئەۋلادى ئىزگۈلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەن دەقىقىلەردە، ياۋۇزلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ھەم چۈشەندى. دىمەك، بارلىق يوقلۇقنى، مۇشكۈلات ئاسانلىقنى يارىتىدۇ. يۈكسەكلىك ۋە تۆۋەنلىك بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇق ۋە قىسقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. تاۋۇشلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ ئۇيغۇنلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۆتمۈش ۋە كېلىچەك ئۆزئارا ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دانا ئادەم جىمجىتلىقنى ئەۋزەل كۆرۈپ، سۈكۈتتە تەپەككۇر قىلىدۇ.
    ★ ئىنسان تۇغۇلۇپ دۇنيا يۈزىنى كۆرگەندە - نازۇك ۋە ئاجىز، ئۆلۈم ئالدىدا بولسا ئىرادىلىك ۋە كۈچلۈكتۇر. بارچە تىرىك مەۋجۇداتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر مەۋجۇتلۇقنىڭ دەسلەپكى پەللەسىدە نازۇك ۋە ئاجىز، ئۆلۈم پەيتلىرىدە بولسا قۇرۇق ۋە چىركىندۇر. دىمەك، چىدامچانلىق ۋە كۈچلۈكلۈك - ئۆلۈمنىڭ نىشانىسى. نازۇكلۇق ۋە نىمجانلىق بولسا - ھايات بەلگىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن قۇدرەتلىك قوشۇن زەپەر قۇچالمايدۇ. ۋە بەقۇۋۋەت دەرەخ نابۇت بولىدۇ. دىمەك، نازۇكلۇق ۋە ئاجىزلىق دائىم كۈچ - قۇۋۋەتتىن ئۈستۈندۇر.
    ★ بۈيۈك دانىشمەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۇرتتا پۇخرالار ئۇلارنىڭ بارلىقىنى سەزمەيدۇ. قايسى ئەلدە بۈيۈك بولمىغان دانىشمەنلەر ھاكىم بولسا، ئاۋام ئۇلارغا قاتتىق چوقۇنىدۇ ۋە ئۇلارنى ماختايدۇ. قايسى ئەلدە پەسكەش دانىشمەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا، خەلق ئۇلاردىن قورقىدۇ. تېخىمۇ زەئىفراق دانىشلار ھاكىم بولغان جايدا بولسا، خەلق ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.

    (داۋامى بار)
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: