版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39510631.html

    (5) كرىتلىك ئېپىمېنىد

    (مىلادىدىن ئاۋالقى 6-ئەسىردە ياشىغان)


    ئەپسانەۋىي يۇنان دانىشمىنى ئېپىمېنىد كرىت ئارىلىدا تۇغۇلغان.
    ئۇ دانىشمەن سالون بىلەن يېقىن دوست بولغان. سالوننىڭ قانۇن تۈزۈشىگە يارىدەملەشكەن.
    مىلادىدىن ئاۋالقى 596-يىلى ئېپىمېنىد ئافىنا شەھىرىنى ۋابا يۇقۇمىدىن ساقلاپ قالغان.
    مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، پەيلاسوپ ئېپىمېنىد ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن.

    ★★★★★★

    ئېپىمېنىدنىڭ «يالغان سۆزلىگەن كرىتلىق» ھەققىدىكى زىددىيەت مەنتىقىسى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان دانىشمەنلەر ئۈچۈن يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق بولۇپ قالغان.

    بۇ زىتلىقنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

    «بىر كرىتلىق سۆزلەپ تۇرۇپ:
    ‹مەن ئالداۋاتىمەن› دەيدۇ.
    ياكى ‹ھازىر مەن دىمەكچى بولغان سۆز يالغان› دىيىشى مۈمكىن.
    يا بولمىسا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان›
    ئەگەر سۆزلىگۈچى ھەقىقەتەن يالغان گەپ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىقرارى-ھەقىقەت.
    ئەكسىچە سۆزلىگۈچىنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا، لىكىن ‹يالغان گەپ قىلدىم› دىسە، ئۇ ھەقىقەتەن يالغان گەپ قىلغان.
    شۇنداق قىلىپ، ئەگەر سۆزلىگۈچىنىڭ ئىقرارى راست بولسا، ئۇ يالغان گەپ قىلىۋاتقان بولىدۇ.
    ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىقرارى يالغان بولسا، گەپلىرى راستتۇر»

    بۇ مەنتىقىي زىددىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كۆپلىگەن پەيلاسوپلارنى باش-ئايىقى يوق بىر كوچىغا باشلاپ قويدى.
    پەيلاسوپ خرىستىپ(مىلادىدىن ئاۋالقى 281-يىلدىن 208-يىلغىچە ياشىغان) ئەنە شۇ زىتلىققا بېغىشلاپ ئۈچ پارچە كىتاب يازدى.
    كاسسلىك فىلېت ئىسىملىك دانىشمەن بولسا ھەرقانچە باش قاتۇرۇپمۇ بۇ زىددىيەتنى يېشەلمىگەچكە، نۇمۇس قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.
    تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، تونۇلغان يۇنان ئالىمى، مەنتىق ئىلمىنىڭ بىلىمدانى دىئادار كراناس(مىلادىدىن ئاۋالقى 307-يىلى ۋاپات بولغان) ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بۇ زىتلىقنى يېشىشكە بەل باغلىغان. ئۇ زىتلىقنىڭ يېشىمىنى تاپمىغىچە تائام يىمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ۋە ئاخىرى-ئاقىۋەت بەندىچىلىك قىلغان.

    (داۋامى بار)
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: