(4) پرىئېنالىق بىئانت - [يۈز پەيلاسوپ]

    _べ Tag:پەلسەپە   2009年05月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39510562.html

    (4) پرىئېنالىق بىئانت

    (مىلادىدىن ئاۋالقى 6-ئەسىردە ياشىغان)


    قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى بىئانت-يۇنانىستاندىكى يەتتە يېتەكچى پەيلاسوپنىڭ بىرى ئىدى.
    بىئانتنىڭ ئانا شەھرى كىر لەشكەرلىرى تەرىپىدىن بېسىۋىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ئەڭ قىممەتباھا بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلايدۇ. پەقەت بىئانتلا ھىچ نەرسە ئالماي شەھەردىن چىقىدۇ.
    بۇنى كۆرگەن ھەمشەھەرلىرى ئۇنىڭدىن:
     سەن نىمىشقا ھىچ نەرسە ئالمىدىڭ؟ - دەپ سورايدۇ.
    شۇندا بىئانت:
    - ھەممە نەرسەم ئۆزۈم بىلەن بىللىدۇر - دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

    بىئانتنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:

    ★ دوستلىرىڭ ئارىسىدىكى مۇنازىرىگە ئارىلاشقاندىن كۆرە، دۈشمەنلىرىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىزانى ھەل قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، دوستلىرىڭنىڭ ئارىسىغا چۈشسەڭ بىرى سېنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىدۇ. دۈشمەنلىرىڭنىڭ مۇنازىرىسىنى ھەل قىلساڭ ئۇلاردىن بىرى ساڭا دوست بولۇپ قالىدۇ.
    ★ ئۆمرۈڭگە شۇنداق بىر مىزان تۇرغۇزكى، ياشاش ئۈچۈن ھەم ئاز، ھەم كۆپ پۇرسەت قالغان بولسۇن.
    ★ بىرەر ئىشقا ئالدىراپ قول تىقما، قول تىقتىڭمۇ - قەتئىي بول.
    ★ ھولۇقماستىن سۆزلە، ئالدىراقسانلىق - ئەقىلسىزلىق بەلگىسىدۇر.
    ★ يامانلار ھەممە يەردە كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ.
    ★ دىئالوگ:
    س: نىمە مۈشكۈل؟
    ج: ئىشنىڭ ناچار تەرەققىياتىنى خاتىرىجەم كۈزىتىش.
    س: ئىنسان ئۈچۈن تاتلىق نەرسە نىمە؟
    ج: ئۈمىد.
    س: ئىنسان قايسى ئىشتىن زوقلىنىدۇ؟
    ج: پايدا ئېلىشتىن.
    س: ئەڭ ياخشى مەسلىھەتچى كىم؟
    ج: ۋاقىت.
    ★ بەختسىزلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئادەم - بەختسىزدۇر.
    ★ كېمىدە لەيلەپ كېتىۋاتقانلارنى تىرىك دىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلۈك دىسىمۇ بولىدۇ.
    ★ كۈچ بىلەن ئەمەس، ئىشەنچ بىلەن بويسۇندۇر.
    ★ ياشلىقىڭدا كېلەچىكىڭ ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت توپلا. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئىشەنچلىكرەك بايلىق يوق.

     (داۋامى بار)
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: