(6) مىلېتلىك ئاناكسېمىن - [يۈز پەيلاسوپ]

    _べ Tag:پەلسەپە   2009年05月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39510675.html

    (6) مىلېتلىك ئاناكسېمىن

    (تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋالقى 525-يىلدىن 585-يىلغىچە ياشىغان)


    قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى ئاناكسېمىن- مىلېتلىك ئېۋرىسترەتنىڭ ئوغلى ۋە پەيلاسوپ ئاناكسىماندىرنىڭ يېقىن دوستى.

    ★★★★★

    ئاناكسېمىن شاگىرتى بىلەن قويۇق دەرەخزارلىقتا سەيلى قىلىپ يۈرەر ئىدى. سۆھبەت ئارىسىدا شاگىرتى ئۇنىڭدىن سوراپ قالدى:
    - ئۇستاز، مانا سىز بۈيۈك مۇئەللىملەردىن تەلىم ئالغان. ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلاپ دانىشمەنلىك مەقامىغا ئېرىشكەن ئىنسانسىز. لىكىن، نىمە ئۈچۈندۇر « يەنىلا كۆپ نەرسىلەرنى » بىلمەيمەن دەپ ئاھ ئۇرىسىز. نىھايەت، بۇ دۇنيادا سىزدەك دانىشمەن ئۈچۈنمۇ يېشىلمىگەن سۇئاللار بارمۇ؟
    پەيلاسوپ ئويلىنىپ قالدى ۋە تاياق بىلەن يەرگە ئىككى چەمبەر سىزدى. بۇ چەمبەرلەرنىڭ بىرى كىچىكرەك، يەنە بىرى چوڭراق ئىدى.
    - مانا بۇ كىچىكرەك چەمبەر - سېنىڭ بىلىملىرىڭ. چوڭ چەمبەر بولسا - مېنىڭكى.  دېدى ئەنەكسېمىن  بۇ چەمبەرلەرنىڭ سىرتىدىكى چەمبەر بولسا - تېخىچە بىز ئاڭلاپ باقمىغان ئىلىملەردۇر.ئەمدى دىققەت قىلغىنكى، چەمبەر قانچىكى كىچىك بولسا، ئۇنىڭ سىرتىدىكى چەمبەر ھەم شۇنچە كىچىك، يەنى بىز تېخىچە چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىلىملەر ئازراقدۇر. چەمبەر چوڭ بولسا، بۇنىڭ ئەكسىدۇر. يەنى ئىنساننىڭ بىلىم دائىرىسى قانچىكى كەڭ بولسا، بۇ دائىرىگە تۇتاش بىلىنمىگەن دائىرىلەر ھەم شۇنچىكى كەڭدۇر.
     
    (داۋامى بار)
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: