پوسكام ناھىيە پوسكام يېزىسىنىڭ سۆگەتئېرىق كەنت 5–مەھەللىسىدىكى دېھقانلار بەرەڭگە تېرىماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى ، فوتوسى: 1–ئاپرېل ، پوسكام ناھىيە ئايكۆل يېزا ئىتتىپاق كەنت 2–خەنزۇلار مەھەللىسىدىكى ياش تاجىك دېھقان توختى تۇرۇپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 20 مو يەرگە بەرەڭگە مايسىسى كۆچۈرۈش ئىشىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە تاماملاپ بولدى . ئۇ مۇخبىرغا بۇ توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : مەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەھەللىمىزدىكى خەنزۇ دېھقانلاردىن بەرەڭگە تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش تېخنىكسىنى ئوبدان ئۆگىنىۋېلىپ ، بۇلتۇر ئەتىيازدا توققۇز مو يەرگە بەرەڭگە مايسىسى كۆچۈردۈم ھەمدە تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق 20 توننىدىن ئارتۇق بەرەڭگە ئېلىپ ، 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلغاندىن باشقا ، بەرەڭگە ئورنىغا يەنە سورتلۇق ماش–پۇرچاق تېرىپ ، 10 مىڭ يۈەن قوشۇمچە كىرىم قىلىپ ، ئائىلەمنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 4000 يۈەنگە يەتكۈزدۈم . شۇڭا بۇ يىلمۇ 20 مو يەرگە بەرەڭگە تېرىدىم ، پەرۋىشىنى ئوبدان قىلسام ، كىرىمىمنىڭ بۇلتۇرقىدىن ئېشىشىغا ئىشەنچىم بار.
پوسكام ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى ۋە بازار ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشەپ ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، دېھقانلارنى ئۆز يېرىنىڭ سۇ ، تۇپراق ، ھاۋا كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان ، سېتىش يوللىرى راۋان ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، بەرەڭگە تېرىقچىلىقىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى قىلىپ ، تېخنىك كۈچى ۋە مەبلەغنى ئايانماي چىقىرىپ ، دېھقانلارنىڭ بەرەڭگە ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىغا تېخىمۇ ياخشى ئىلھام بەردى . بۇنىڭ بىلەن ، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە چىلان ، ياڭاق كۆچەتلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بەرەڭگە كۆلىمى 60 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى . بۇ بەرەڭگىلەرنىڭ دانىسى چوڭ ، سۈپىتى ياخشى ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا ، سانائەتتە ۋە تۇرمۇشتا بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان بولۇپ ، بۇلتۇر بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار 130 مىڭ توننىغا يېقىن بەرەڭگە سېتىپ ، 190 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى ، ناھىيەمۇ مەملىكەت بويىچە بەرەڭگە ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
نۆۋەتتە ، بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار بۇ يىللىق بەرەڭگە تېرىقچىلىقىغا قىزغىن كىرىشكەن بولۇپ ، مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاپرېلنىڭ باشلىرىغا قەدەر 60 مىڭ مو يەرگە سۇلياۋ يوپۇق يىپىپ بەرەڭگە تېرىپ ، بەرەڭگىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مايسا پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلماقتا.