ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

فرانسىيە كوتىدىۋاغا 300 ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ئاپرېل خەۋىرى: فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى 3-ئاپرېل فرانسىيە قىسىملىرىنىڭ كوتىدىۋا پايتەختى ئابىجاندىكى بىر سودا ئايرودرومىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. سابىق پىرىزدېنت بەگبوغا سادىق قىسىملار بىلەن سابىق باش مىنىستېر ئ
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ئاپرېل خەۋىرى: فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى 3-ئاپرېل فرانسىيە قىسىملىرىنىڭ كوتىدىۋا پايتەختى ئابىجاندىكى بىر سودا ئايرودرومىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. سابىق پىرىزدېنت بەگبوغا سادىق قىسىملار بىلەن سابىق باش مىنىستېر ئوتتارانى قوللىغۇچى قىسىملار ئابىجاندا داۋاملىق ئېتىشقان.

 
كوتىدىۋادىكى سابىق پىرىزدېنت بەگبونى قوللىغۇچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 3-ئاپرېل فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىينى ئەيىبلەپ، ئۇنى كوتىدىۋادىكى ئىرقىي يوقىتىشقا قاتناشماقچى بولىۋاتىدۇ دېگەن ھەمدە خەلقنى تەشكىللىنىپ فرانسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغان.

 
بۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىدە «دىققەت قىلىڭلار، دىققەت قىلىڭلار. تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ، فرانسىيە ئارمىيىسى Felix Houphouet Boigny ئايرودرومىنى كونترول قىلدى. 7 ترانسىپورت ئايروپىلانى 100 تانكا ۋە 2000 ئارتۇق ئەسكەر توشۇپ كەلدى، ئايرودرومدىكى ئېسكادرونىمىز ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. ساركوزىينى ئادەملىرى كوتىدىۋادا رىۋاندا قىرغىنچىلىقى قىلىشقا تەييارلانماقتا. كوتىدىۋالىقلار، ئۆيىڭلاردىن چىقىپ كوچىلارنى ساقلاڭلار » دېگەن.

 
بۇ ئايرودروم ئابىجاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 16 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، فرانسىيە تىنچلىق ساقلاش گازارمىسىغا يېقىن ئىكەن. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرىشىچە، بۇ ئايرودرومنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ب د ت قىسىملىرى قوغدىغان، فرانسىيەنىڭ ھەركىتى بۇ ئايرودرومنىڭ قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، نۆۋەتتە 1500 نەپەر چەتئەللىك فرانسىيەنىڭ گازارمىسىدا ۋاقىتلىق تۇرۇۋېتىپتۇ. باياناتچى فرانسىيەنىڭ كوتىدىۋاغا 300 ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، كوتىدىۋادا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 1400 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!