جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 3-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارتلىرىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە رەھبىرى قازافىنىڭ ئوغلى سەيىف ئىسلام ئەنگىلىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ ئېھتىمال «ئۆز ئاتىسىغا ئاسىيىلىق قىلىش» نى ئويلىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيەنىڭ كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ۋە ئاخبارات مىنىستېرلىكى ئەمەلدارلىرى 1-ئاپرېل بىلدۈرىشىچە، ئۆتكەن 3 ھەپتە ئىچىدە ئۇلار سەيىفنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرىتتىن بىلدۈرىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى قازافىنىڭ پۈتكۈل ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىش قىلماسلىق ئۈستىدە ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا سەيىفنىڭ كەلگۈسىدە لىۋىيە سىياسىي سەھنىسىدە ھېچقانداق ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بەزى ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرى كۆرسىتىشىچە، ئەگەر سەيىف يېقىندا ئەنگىلىيەگە قېچىپ كەلگەن لىۋىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى مۇسا كۇسساغا ئوخشاش قېچىپ كەلسە، ئۇنداقتا ئەنگىلىيە ئۇنىڭ لوندوندا پاناھلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن. بىر قىسىم لىۋىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ سەيىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازافىنىڭ نۇرغۇن يېقىنلىرى «چېكىنىش ستراتىگىيىسى» ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان.
ئەنگىلىيە ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى تەھلىل قىلىپ، سەيىفنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئادەم ئەۋەتىشىنىڭ مەقسىتى ئەگەر ئۇ راستىنلا «ئاسىيلىق» قىلىپ قېچىپ كەتسە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئوتتۇرىدا ئالاقە باغلاۋاتقان كىشىلەر ئەگەر قازافى چەتئەلگە سۈرگۈن بولسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى دەرھال توختايدىغان توختىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
رېيترس ئاگېنتلىقى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېل يېڭى مەركىزىي بانكا باشلىقى تەيىنلىگەن. مۇھەممەد رەجەپ قەسەپ بېرىپ مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان، ۋەزىپە مۇددىتى كېلەركى قېتىملىق لىۋىيە پارلامېنت يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر بولىدىكەن. لىۋىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى ۋە لىۋىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تارقاتقان.