ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يەكەن ناھىيەلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ پىئونېرلار ئەترىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

كادىر–ساقچىلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش–ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى ، فوتوسى: 1–ئاپرېل ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان يەكەن ناھىيەلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چوكانتال بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

    پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئاتاپ تەييارلىغان گۈلچەمبىرەكلەرنى مەيدانغا ئېلىپ كىرىپ ، دۆلەت بايرىقى سۇپىسىغا قويۇپ ، ئۈچ مىنۇت تەزىيە بىلدۈردى . ئارقىدىن ، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان كادىر–ساقچىلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش–ئىزلىرىنى سۆزلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى . ئاخىرىدا ، مەكتەپتىكى پىئونېرلار ناخشا ئېيتىش ، ئۇسسۇل ئويناش ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق پائالىيەتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

ئوقۇغۇچىلار ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا

ئوقۇغۇچىلار چوكانتال بايرىمىنى مەدھىيەلەپ سەنئەت نومۇرى ئورۇنلىماقتا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!