ئىلھام ئىمىن ، روشەنگۈل ئابدۇراخمان
كورېيەدە 27 – مارت ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى بىلەن كورىيە ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ئىككى ئەزىمەت كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىدى. چۈنكى، دۆلىتىمىز ئازاد بولۇپ ھازىرغىچە، دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلىرىدە شىنجاڭلىق ئىككى ئەزىمەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ۋە خۇشال قىلىدىغىنى، 8 – نومۇرلۇق مىرئەخمەتجاننىڭ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشقىنى بولدى. 20 – نومۇرلۇق بارىمۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ ئىككىيلەن قانداق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا قوبۇل قىلىندى؟ جاۋاب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئىككى ئەزىمەت ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى، ياخشى بەدەن ساپاسى، پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى، مەيداندىكى ئورۇن ئېلىش، پاس بېرىش ھالقىلىرىدا ئىپادىلىگەن ئۆزگىچە ئويناش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن باش ترېنېر برازېۋىچنى قايىل قىلدى. جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى برازېۋىچنى كىمكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۇ دەل كىرودىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 1998 – يىللىق فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3 – لىكنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنياۋى داڭلىق ترېنېر. مانا مۇشۇ داڭلىق ترېنېر بۇ ئىككى ئۇيغۇر يىگىتنىڭ پۇتبول تالانتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنى بۇ كوماندىغا قوبۇل قىلدى ۋە كوماندىنىڭ كاپىتانىلىق ھوقۇقىنى مىرئەخمەتجانغا تاپشۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدا شىنجاڭلىق پۇتبولچىلار ئاستا – ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى. بىز ئالدى بىلەن بۇ پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ قەيەرلەردە توپ ئويناۋاتقانلىقىغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى: مىرئەخمەتجان مەملىكەت بويىچە چېمپىيون كوماندا شەندوڭ ‹‹لۇنېڭ›› كوماندىسىدا(دۆلەت كوماندىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولغاندا شۇ كوماندىغا قېتىلىدۇ)، ئۆتكۈر شەندوڭ ‹‹لۇنېڭ›› كوماندىسىدا(دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولغاندا شۇ كوماندىغا قېتىلىدۇ)، بارى خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىدا(دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولغاندا شۇ كوماندىغا قېتىلىدۇ)، دىلمۇرات، يەھيا، ۋەلىلەر شېنجېن ‹‹قىزىل ياقۇت›› كوماندىسىدا، تۇرسۇن بىلەن ئىلھام دۆلەت ساھىل پۇتبول كوماندىسىدا(قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياغ ئوينايدىغان پۇتبول تۈرى)، ئېلزات، ئىلھام، بەختىيارلار A دەرىجىلىك چېڭدۇ ‹‹شېففېلد›› كوماندىسىدا، ئەكرەم A دەرىجىلىك خۇنەن ‹‹شياڭتاۋ›› كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر گۇاڭدۇڭ ‹‹خېڭدا›› كوماندىسى ۋاراتار ئەكرەم بىلەن ھۇجۇمچى شاۋكەتكە كۆز تىكىۋاتىدۇ. باشقا بىر قانچە كوماندىمۇ بىزنىڭ 17 ياشلىقلار كوماندىمىزدىكى ئۈچ – تۆت بالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ۋاھاكازالار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەنھەرىكەتچىلەردىنلا بىر مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشۈدىغان 11 ئادەمنى تولۇق سەپلىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ تۇيۇقسىزلا جوڭگونىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ‹‹قىزىق نۇقتا››غا ئايلىنىپ قېلىشىدا بىرەر سىر بارمۇ – قانداق؟ بۇ بىر سىر ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ‹‹سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى››نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلىگەنلىكىدىن بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن بالىلاردۇر. مىرئەخمەتجان بىلەن بارى شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
شىنجاڭ ‹‹سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى›› ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەر يىلى 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىشى بىلەن 2003 – يىلى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ مەكتەپ ھەر يىلى 13، 15، 17، 19 ياشلىقلار بويىچە تەنھەرىكەتچى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى يېرىم كۈن مەدەنىيەت دەرسى، يېرىم كۈن پۇتبول مەشىقى بويىچە تەربىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا پۇتبول مايسىلىرىنى مۇنتىزىم مەشىقلەندۈرىدىغان ئورۇن بار بولدى. بۇ مەكتەپ ياراملىق پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيەلەپ، دۆلەت كوماندىلىرىدا شىنجاڭلىق ماھىرلار بولۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ترېنېر، رېپېرلارنى تەربىيەلەش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پۇتبول ئالاقىسىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىدى. ‹‹ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن›› دېگەندەك، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن پۇتبولچىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا ئاستا – ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇ مەكتەپنىڭ كوماندىسى ئۇدا بىر نەچچە نۆۋەت مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ھەممىدىن مۇھىمى، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ 46 يىلدىن بۇيان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، 2009 – يىلى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مىنۇتلىرىدا دەل بارىنىڭ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ 46 يىللىق ئارزۇسى روياپقا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر – ئىككى يىل مابەينىدە، مەيلى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بولسۇن، مەيلى ئىچكىرىدىكى كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ترېنېرلىرى بولسۇن، شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارغا ئالاھىدە قىزىقىش نەزىرىدە قارايدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات يولىغا سېلىش ئۈچۈن، يېقىندا شىنجاڭدا پۇتبول ھەرىكىتىنى ئون يىلغىچە ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىمۇ 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، قىشلىق پۇتبول مەشىق سارىيى سېلىپ، شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ قىش پەسلىدە ئىچكىرىگە قاتنىماي، ئۆز ئورنىدا مەشىق قىلىش شارائىتىنى ياراتماقچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نەچچە يىلدىن بۇيان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول مەشىق بازىسى››نىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئىلھام نەسىردىن بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول مەشىق بازىسى›› ئۈرۈمچىنىڭ ‹‹ئۈچتاش›› بەيگە مەيدانى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 75 مىڭ كىۋادىرات مېتىر. بۇ مەشىق بازىسىنىڭ مەيدان، ئىشخانا، ئاشخانا، چېنىقىش ئۆيى، بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – داۋالاش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى خېلى مۇكەممەل بولۇپ، پۇتبولچىلارغا ھەر جەھەتتىن ياخشى مەشىق قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان. ھازىر، بۇ مەشىق بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ يىل قىش كىرىشتىن بۇرۇن شۇ يەرگە كۆچۈپ بارالايمىز.
شىنجاڭ ‹‹سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى››نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇلار شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى، تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىندىن چىققان پۇتبولچىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇلتۇردىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. ئۇلار بۇ يىل 6 – ئايدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى›› قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ ‹‹سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى››نىڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىنى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن قاتناشتۇرۇشنى بېكىتتى(بارلىق چىقىمنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالىدۇ)؛ بۇ يىل جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاسىيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ مۇسابىقىنىمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى؛ قەشقەر شەھىرىنى مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبولىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتىكى نۇقتىلىق 44 شەھەر قاتارىغا كىرگۈزدى(ئىلگىرى شىنجاڭدىن يالغۇز ئۈرۈمچى شەھىرىلا بار ئىدى)؛ بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى››نى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭغا تەنتەربىيە بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۆلكىلەرمۇ شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان بولدى.
دېمەك، يۇقىرىقى پاكىتلار شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى، بولۇپمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى يولداشلار ‹‹بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ››، جاپالىق ئىزدىنىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى يېتىشىپ چىقىدىغان ‹‹قۇرۇماس بۇلاق››قا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سىزنىڭ، بىزنىڭ، ھەممىمىزنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا موھتاج.