ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يەكەندە100مىڭدىن كۆپرەك كىشى يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولماقتا

2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئالىمجان ئابلەت خەۋىرى : يەكەن ناھىيەسىدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 106 مىڭ 900 گە يېتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

    2007 – يىلى يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى جانلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت، ئۆلچەمنى ئاممىغا تولۇق يەتكۈزۈپ، كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى ئامما دېموكراتىك كۆرسىتىش، باھالاش ئۇسۇلى بىلەن بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، تۇرمۇش ئەھۋالى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان 3038 كىشىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى توختىتىلدى، 1159 كىشىنىڭ كاپالەت سوممىسى تەڭشەلدى. بۇ ناھىيەدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش، كاپالەت پۇلى تارقىتىشتىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!