ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى: 31–مارت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق باشچىلىقىدىكى ئالتە نەپەر خادىم ئاپتونوم رايوننىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش لېكسىيە ئېھتىياجى بويىچە تەكشۈرۈپ ، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئونسۇغا كەلدى .
ئۇلار ئونسۇدا ۋىلايەت ۋە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا دوكلات ئاڭلاش ، ‹‹ سى يۈەن›› مېۋە–چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ، جېجياڭ ئۆلكىسىىنىڭ ياردىمىدە سالىدىغان ئىشلەمچى يېزىلىق شىپاخانا قۇرۇلۇشى ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە سېلىنىپ ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ناھىيەلىك تولۇق 2–ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ ، ئىشلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلاردا بۇنىڭدىن كېيىنكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى كېڭەشتى .