جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاپرېل تورى: كوتىدىۋا (Cote dIvoire) نىڭ سابىق پىرىزدېنتى بەگبو(Gbagbo) ۋە سابىق باش مىنىستىرى ئوتتارا (Ouattara) نىڭ قوراللىق كۈچلىرى 2-ئاپرېل پايتەخت ئابىجاندا كەسكىن ئېتىشقان. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ئوتتارانى قوللىغۇچى «كوتىدىۋا جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى» 2-ئاپرېل چۈشتە ئابىجان شەھەر مەركىزىدىكى پىرىزدېنت مەھكىمىسى يېنىدا ۋە شىمالدىكى ئادجىئامې رايونىدىكى ئابان ژاندارما ئەسكەرلەر گازارمىسىنىڭ ئەتراپىدا بەگبوغا سادىق بىخەتەرلىك قىسىمىلىرى بىلەن قاتتىق ئېتىشقان، ئەمما نۆۋەتتە ئوتتارانىڭ قوراللىق كۈچلىرى بۇ ئىككى رايوننى كونترول قىلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر يوق ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئابان ژاندارما ئەسكەرلەر گازامىسى ئابىجاندىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە پىرىزدېنت مەھكىمىسى، بەگبونىڭ سارىيى ۋە دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى باش شىتابى قاتارلىق بەگبونىڭ يادرولۇق رايونلىرى يەنىلا بەگبونىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن. 2-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قايتىدىن پروگىرامما سىگنالى تارقاتقان، بەگبو لاگىرى ئوتتارا قىسىملىرىنىڭ يۇقىرىقى رايونلارغا قارىتىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، بىرلا ۋاقىتتا «ۋەتەنپەرۋەر زاتلار» نىڭ كوچىلارغا چىقىپ، پىرىزدېنت مەھكىمىسى ۋە بەگونىڭ سارىيىغا توپلىنىشقا دەۋەت قىلغان، ئابىجاندىكى مەمۇرىي رايون پۇلادور رايونى ۋە باشقا رايونلاردىكى ئىككى كۆۋرۈكنى توساپ، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ۋە فرانسىيە «كەركىدان» قىسىملىرىنىڭ پۇلادور رايونىغا كىرىشىنى توسقان.