ئالدى
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 3-ئاپرېل خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاپرېل دېيىشىچە، 1-ئاپرېل ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازارى شەرىفتە ب د ت نىڭ 7 نەپەر خادىمىنى ئېتىش تاشلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 30 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. باياناتچى بىر لاۋاقىتتا ب د ت خادىملىرىنىڭ ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن كاللىسى ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنى ئىنكار قىلغان.
1-ئاپرېل جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مازارى شەرىفتىكى نەچچە يۈز ئامما كۆك مەسچىتتە جۈمە نامىزىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئىش باشقارمىسىنىڭ سىرتىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىلىق باستىرنىڭ قۇرئاننى كۆيدۈرگەنلىكىگە قارشلىق كۆرسەتكەن. كېيىن كىشىلەر توپىدىكى بىر قىسىملار ب د ت خادىملىرىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 7 نەپەر ب د ت خادىمى ۋە 5 نەپەر نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
نامايىش دەسلەپتە تىنچلىق بىلەن بولغان، ئەمما چۈشتىن كېيىن قولىغا پىچاق ئېلىۋالغانلار ب د ت ئىش باشقارمىسىنىڭ قاراۋۇللىرىغا ھۇجۇم قىلغان، قوراللىرىنى بۇلاپ، بىناغا كىرىپ ئوق چىقارغان؛ قىسمەن نامايىشچىلار مۇھاپىزەت تېمىغا چىقىپ قاراۋۇلخانىنى ئۆرۈپ تاشلىغان ھەمدە بىناغا ئوت قويغان. نەق مەيداندىكى كىشىلەر «ئامېرىكىنى يوقىتايلى، ئوبامانى يوقىتايلى!» دەپ شوئار توۋلىغان، بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن.
ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەمچى ئۆمىكىنىڭ 7 نەپەر خىزمەتچىسى توقۇنۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، نورۋېگىيە، شېۋىتسىيە ۋە رومىنىيەدىن كەلگەن ياۋروپالىق 3 كەسپىي خادىم ھەمدە نېپالدىن كەلگەن 4 نەپەر قاراۋۇل ئىكەن، ئۇلار نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسماقچى بولغان بولسىمۇ تەڭ كېلەلمىگەن. نامايىشچىلاردىمۇ 5 ئادەم قازا قىلغان. ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 20 ئادەم يارىلانغان.
ئەڭ دەسلەپكى خەۋەرلەردە 2 نەپەر ب د ت خادىمىنىڭ كاللىسى ئېلىندى دېيىلگەن، ب د ت تەرەپ كېيىن ئىنكار قىلغان، ئەمما بەزى ئۆلگۈچىلەرنىڭ بوغۇزلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. يەرلىك ئەمەلدارلار تالىبان نامايىشچىلار ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، زوراۋانلىق قىلىشقا كۈشكەرتتى ھەمدە قورال تارقىتىپ بەردى دەپ ئەيىپلىگەن، تالىبان مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ساقچى تەرەپ باش پىلانلىغۇچى دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئادەمنى قولغا ئالغان.
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2000 ئارتۇق ئافغانىستان پۇقراسى قەندىھار شەھىرىدە يىغىلىپ، ئامېرىكا باستىرىنىڭ قۇرئاننى كۆيدۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. نەق مەيداندا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 پۇقرا قازا قىلغان، 32 ئادەم يارىلانغان. قەندىھار مىرۋايىس دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە 5 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى نامايىش نەق مەيدانىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەن، يەنە 32 ئادەمگە ئوق تېگىپ يارىلانغان. ئافغانىستاندىكى قۇرئان ۋەقەسىدە 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى