ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ شەرتلىك ئۇرۇش توختۇتۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

لانكاستېر سارىيى ئالدىدا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ لىۋىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەر

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : لىۋىيە ئۆكتىچى تەرەپ قۇرغان ‹‹ لىۋىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى ››نىڭ رەھبىرى جەلىل 1–مارت بېنغازىدا ، ئەگەر لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئۆتىچىلەر كونترول قىلغان شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ ، مەملىكەت بويىچە تىنچىلىق نامايىشىسى قىلىشقا رۇخسەت قىلسا ، شۇنداقلا كازافى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى لىۋىيەدىن چىقىپ كەتسە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

   لېكىن لىۋىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان . لىۋىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىبراھىم ترىپولىدا : ئۆكتىچى تەرەپ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇلار ھەقىقىي تۈردە تىچلىقنى ئۈمىد قىلمىدى ، ــ دېدى . 

    ئىبراھىم يەنە : ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتىچىلەر كونترول قىلغان شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمايدۇ ، بىراق بىز ھەر ۋاقىت ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەقىقىي تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە كېڭىشىشكە قوشۇلىمىز ، ــ دېدى .

    بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، لىۋىيە ئۆكتىچى تەرەپ گەرچە بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھاۋادىكى قوغدىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلىرىنى قولدىن بېرىپ قويدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!