رەنا ئوبۇل خەۋىرى : شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپى 23 – مارت 2011 – يىللىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ھەم زاكازلىق تەربىيەلەش بويىچە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شىخەنزە ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى قاتارلىق بەش ئورۇن 680 ئوقۇغۇچى بىلەن توختام تۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە ھازىر 8000دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار ئىكەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش گۇۋاھنامە ئېلىش نىسبىتى %100كە يەتكەن، زاكاز بويىچە توختام تۈزۈش نىسبىتى %96 تىن يۇقىرى بولغان، 2010 – يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98كە يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ كارخانىلار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى لۈ گوخۇي: مەكتىپىمىز ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ھەمكارلىشىۋاتقان ئون نەچچە كارخانا بىلەن زاكازلىق تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %90تىن كۆپرەكى خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، دېدى.