ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل11تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن يېقىندا ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 11 تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ كۆلىمى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور بولىدىكەن.

    مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3 – ئايدىن 11 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك ئاياللار قول توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، شىنجاڭ تەپمە بوكس خەلقئارا ئاشكارا مۇسابىقىسى ۋە خەلقئارالىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، تارىمنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى، بايىنبۇلاق خەلقئارالىق بەيگە مۇسابىقىسى قاتارلىق ئولىمپىك تۈرى بولمىغان چوڭ مۇسابىقىلارنىمۇ ئۆتكۈزىدىكەن.

    بۇ يىل شىنجاڭغا تەنتەربىيە بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۇنجى يىلى بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەرنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ماھارەت تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ شىنگونىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇسابىقە تەشكىللەش، مۇلازىمەت، بىخەتەرلىك، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە زور بىر تۈركۈم خادىم تەربىيەلەنگەن، مەيدان ۋە ئەسلىھەلەر ھازىرلانغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىسى بار ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!