ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتكە تەخمىنەن 20 ناتو ئەزاسى قاتنىشىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتكە تەخمىنەن 20 ناتو ئەزاسى قاتنىشىدۇ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتكە تەخمىنەن 20 ناتو ئەزاسى قاتنىشىدۇ
شىنخۇا تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى: ش ئا ئە ت ھەربىي كومىتىتىنىڭ رەئىسى جىئان پاۋلو 31-مارت دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ 28 ئەزا دۆلىتى ئىچىدە تەخمىنەن 20 دۆلەت لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتكە قاتنىشىدىكەن، يەنە ش ئا ئە ت گە ئەزاسى بولمىغان بىر قانچە دۆلەتمۇ ھەربىي ھەركەتكە قاتنىشىدىكەن. جىئان پاۋلو 31-مارت بېريۇسىلدىكى ش ئا ئە ت نىڭ باش شىتابىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ئۇچۇرنى جاكارلىغان، ئەمما ئۇ ھەربىي ھەركەتكە قاتنىشىدىغان كونكرېت دۆلەتلەرنى دېيىشنى رەت قىلغان.
بىراق، 31-مارت كەچتە ش ئا ئە ت نىڭ تورىدا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە بېلگىيە، بولغارىيە، كانادا، دانىيە، فرانسىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، رومىنىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 14 ش ئا ئە ت دۆلىتى ھەركەتكە قاتنىشىدىكەن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جەمئىي 205 دانە بولۇپ، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەيدىكەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 90 دانە، 33 دانە ۋە 17 دانە ئىكەن؛ ھەربىي پاراخوتتىن 21 دانە بولۇپ، تۈركىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەيدىكەن، تۈركىيەنىڭ 6 دانە ۋە ئىتالىيەنىڭ 4 دانە ھەربىي پاراخوت قاتناشقان. ش ئا ئە ت ئەمەلدارىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ سانلار دەسلەپكى سىتاتىستىكا بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سانلار داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن.
بېلگىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى ئىچىدە گېرمانىيە ۋە پولشا لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەركەتكە قاتناشمايدىكەن، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، ليۇكسۇمبېرگ ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ھەربىي ھەركەتكە قاتنىشىشتا قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، ئەمما قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، شېۋىتسىيە قاتارلىق ش ئا ئە ت گە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرمۇ قاتناشقان.
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى 1-ئاپرىل ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان لىۋىيە ۋەزىيىتىنى «ھەربىي ۋاستە» بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، لىۋىيە مەسىلىسىنى پەقەت سىياسىي شەكىلدىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. يېشىل تورى(yexil)غا ئاگاھلاندۇرۇش: خەۋەر يۆتكىگەندە مەنبەنى توغرا بېرىڭلار، سۈرەتتىكى تامغىنى كېسىپ ئېلىۋەتمەڭلار، بولمىسا كېلىپ چىققان بارلىق قانۇنىي جاۋابكارلىققا ئۆزەڭلار مەسئول. (QQ:1328705014)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!