شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 31 – مارت چۈشتىن كېيىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ‹‹غەربىي يۇرت قىممەتلىك مىراسلىرى شىنجاڭنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي كىتابلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى››نى كۆردى.
بۇ كۆرگەزمىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، كۆرگەزمە قىلىنغان 320 بۇيۇم مەملىكىتىمىزدىكى 23 يىغىپ ساقلاش ئورنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان 2000 نەچچە يىلدىكى يازما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
جۇ يۇڭكاڭ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى
جۇ يۇڭكاڭ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا كەلدى. ياغاچ ياكى بامبۇك پارچىسىغا يېزىلغان خەت – چەكلەر، نۇسخا چۈشۈرۈلگەن قەغەزلەر، خەت – ئالاقىلەر، قەدىمكى كىتابلارنىڭ بەزىلىرى غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى مەركىزىي ھۆكۈمەت ھاكىمىيىتىنىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىنى، بەزىلىرى ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن بۇيانقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئارىسىدىكى زىچ ئالاقىنى، بەزىلىرى شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى گىرەلەشكەن تارىخىنى، بەزىلىرى ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ئالاقىسىنى، بەزىلىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بەزىلىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان كۆرۈنۈشلەر خاتىرىلەنگەن. جۇ يۇڭكاڭ كۆرگەزمىنى ئەستايىدىل كۆردى، يازما يادىكارلىقلار، قەدىمىي كىتابلارنى قېزىش، رەتلەش، قوغداش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جۇ يۇڭكاڭ خۇشال ھالدا: بۇ كۆرگەزمە ناھايىتى ياخشى، ئەھمىيەتلىك بوپتۇ، كۆرگەزمىنى كۆرۈپ كۆپ تەربىيەگە ئىگە بولدۇم. بۇ مول، رەڭدار، قىممەتلىك تارىخىي يازما يادىكارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن جاي ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېدى.
جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، مۇقىم سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش كېرەك.