ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 11–مارت يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 11532 كە يەتتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     كىشىلەر يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە      شىنخۇا تورى توكيو 31–مارت تېلېگراممىسى : ياپونىيە ساقچى ۋازارىتى 31–مارت ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 21 گىچە ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 11–مارت يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 11532كە يەتكەنلىكىنى ، 16441 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . 

    ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاپەت ئېغىر بولغان مىياگى ناھىيەسىدە 7012 ئادەم ، ئىۋاتې ناھىيەسىدە 3396 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ھەر قايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 173 مىڭغا يېتىدىكەن . 

   ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 11–مارت 9.0 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن ۋە دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولغان بولۇپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان  ۋە يارىلانغان ، شۇنداقلا مال–مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!