فىرانسىيە ‹‹ قارا بوران ›› كۈرەشچى ئايروپىلانى
شىنخۇا تورى پارىژ 30–مارت تېلېگراممىسى : فىرانسىيە باش ئىشتابى 30–مارت فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 28–مارت كەچتىن 29–مارتقىچە لىۋىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ ، ئاساسلىق لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا يېقىن جايدىكى بىر ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى ۋە بىر ئوق–دورا ئامبىرىنى بومباردىمان قىلغان .
فىرانسىيە باش ئىشتاب تورى 30–مارت كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، 28–مارت كەچ فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسى تىرىپولىنىڭ جەنۇبىدىكى غەريان رايونىدىكى بىر ئوق–دورا ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلغان ، فىرانسىيەنىڭ نەچچىلىگەن ‹‹ قارا بوران ›› ۋە ‹‹ خىيالىي مەنزىرە 2000D ›› بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان . 29–مارت ، قىسمەن فىرانسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى تىرىپولىنىڭ غەربىدىكى بىر ھاۋا مۇداپىئەسىدىن ساقلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى بومباردىمان قىلغان .
فىرانسىيە باش ئىشتابى يەنە فىرانسىيە ۋە قاتارنىڭ ‹‹ خىيالىي مەنزىرە 5 ــ 2000 ›› تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ، گرىتسىيەنىڭ كرىتى ھەربىي بازىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ، ئىككى قېتىملىق ئۇچۇش چەكلەنگەن رايوندىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىقىنى ئېيتقان .