ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق سۆھبىتى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   

    شىنخۇا تورى لوندۇن 29–مارت تېلېگراممىسى : لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنى 29–مارت چۈشتىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىن ۋەكىللىرى لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالىدى ھەمدە لىۋىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى .

    ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون : يىغىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشتىكى ۋەدىسىنى قايتىدىن بېكىتىدۇ ، لىۋىيەگە زۆرۈر بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ، لىۋىيە خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ، دېدى .

    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى . كلىنتون بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھەرىكىتى كازافىي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا پۈتۈنلەي ئەمەل قىلىشىغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى . 

    يىغىندا يەنە ئالاقىلىشىش كىچىك گۇرۇپپىسى ۋە مۇنبەر قۇرۇپ ، لىۋىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم بېرىش مۇزاكىرە قىلىندى . 

    يىغىنغا ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى خاگ رىياسەتچىلىك قىلدى ، بان كمون ، ھىلارى ، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسمۇسېن ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون ، ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىھسانوۋل قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!