ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 26 –مارت ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن ئوسمان باشچىلىقىدىكى 16 نەپەر پىدائىي پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ كۈنى ، پىچان ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئوچۇق بولۇپ ، ئىللىق قۇياش ئالتۇن نۇرلىرىنى ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. دەل–دەرەخلەردىن يېڭىلا چىققان بىخلار كېچىككەن باھارنىڭ ئاخىر يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ، يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . كۆڭۈللىرىگە گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلارنى پۈكۈپ ، يېزا مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئالايىتەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بۇ پىدائىيلار قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپى دەرۋازىسىدىن كىرگەندە ئۆزلىرىنى تۆت كۆز بىلەن تەقەززالىق ئىلكىدە ساقلاۋاتقان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى . ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن بۇ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى ئابلىتىپ ئابلىمىت ساخاۋەتچى چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندى ئىئانە قىلغان 18 كومپىيۇتېرنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى . ئارقىدىن ئۈرۈمچى ‹‹ غالىبىيەت ›› كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەغدىم قىلغان ھەر خىل كىتاب ۋە پىدائىيلار ئېلىپ كەلگەن خىلمۇخىل بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان سەبىي ، شىجائەتلىك سەھرا بالىلىرى خۇشاللىقتىن تايچاقتەك سەكرىشىپ كەتتى .
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹‹ ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر ، بىز بۈگۈن مەكتىپىڭلارغا كېلىپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن چەكسىز خۇشال ، بۈگۈن سىلەرگە ئازراق كۆڭلىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق ، گەرچە بۇ سوۋغاتلار ئاز بولسىمۇ بىراق بۇنىڭغا جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئاق كۆڭۈل ، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ مېھرى سىڭگەن . سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئانا يۇرتۇڭلارغا شەرەپ كەلتۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ›› .
ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلاندى . ئوقۇتقۇچى ــ ئوقۇغۇچىلار خىلمۇخىل مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ، ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئالايىتەن مەكتىپىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۈردى. پىدائىيلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ شادلىققا چۆمدى.
ئاخىرىدا پىدائىيلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەلىم – تەربىيە ۋە ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا كەڭ–كۇشادە سۆھبەتلەشتى ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە–ئەخلاق ، ئۆرپ–ئادەت ، ساغلام پىسخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا جانلىق تەربىيە ئىشلىدى . ئۇلار يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەپكۈچ تەپتى ، ۋاسكېتبول ، تىكتاك توپ ۋە خىلمۇخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەپ–تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى ، بالىلارچە چۇرقىراشلىرى ئەتراپنى بىر ئېلىپ مەكتەپ ھويلىسىنى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۈردى. بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار كومپىيۇتېر سىنىپىغا كىرىپ چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندى ئىئانە قىلغان كومپيۇتېردا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆگەتكەن ئاددىي مەشغۇلاتنى باشلىۋەتتى ، يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار خاتىرە دەپتەرلىرىنى كۆتۈرگىنىچە پىدائىيلارنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئورۇۋېلىشتى... ئىشقىلىپ بۇ كۈنى مەيلى پىدائىيلار ياكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ھاياتىدىكى تولىمۇ كۆڭۈللۈك، مەنىلىك، شادلىققا چۆمگەن ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدى..
يېرىم كۈن ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى . ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە پەقەتلا قىيىشمايتتى . پىدائىيلار قايتىدىغان ۋاقتىدا مەكتەپ قورۇسىغا ‹‹ پىدائىيلار كۆچىتى›› تىكتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى . خوشلىشىدىغان چاغدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پىدائىيلارنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ۋە ئۇلارغا دائىم كېلىپ ئۆزلىرىنى كۆرۈپ كېتىشىنى ، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تېلېفۇن قىلىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . پىدائىيلار خوشلىشىپ ماڭغاندا ئوقۇغۇچىلار ھۆرمەتتە تۇرغان قاراۋۇللاردەك رەتلىك تىزىلىپ ئۇلارنى ئىززەت – ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويدى ، بالىلار خېلى يەرلەرگىچە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى . بۇ تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى كۆرگەن پىدائىيلارنىڭ قەلبى ھاياجانغا چۆمدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندى .
پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قەمبەرخان سېتنىياز مۇنداق دېدى : ‹‹ مەكتىپىمىز 1976–يىلى قۇرۇلغان ، ھازىر 15 ئوقۇتقۇچى ، 170 ئوقۇغۇچى بار . مەكتىپىمىزنىڭ شارائىتى بىر قەدەر ناچار بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا–ئانىسى دېھقان . مەن 2010– يىلى 2–ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندىنىڭ يېزا مەكتەپلىرىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مەكتىپىمىزگە 18 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئېلىپ كەلگەنىدىم . ھازىر مەكتىپىمىزدە ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان كومپىيۇتېر دەرسى ئەمەلىيلەشتى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن يېڭى شەيئى بولغان كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشتى ، شۇنداقلا ئاددىي كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدى. مەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مەكتىپىمىزگە كەلگەن پىدائىيلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن››.
پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلېتىپ ئابلىمىت مۇنداق دېدى : ‹‹ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىلەن ئەڭ دەسلەپ پىچان ناھىيەسى پىچان بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھىمىت ناشىر توردا ئالاقىلاشقان ئىكەن ، ئۇ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى يالقۇن ئوسمانغا ناھىيەمىزدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىپتۇ . 2009–يىلى يانۋاردا يالقۇن ئەپەندى گۇاڭجۇلۇق ئىككى ساخاۋەتچىنى باشلاپ كېلىپ ، دالانكارىز يېزىسى بەشتام باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەتكەنىدى ، شۇ يىلى 4–ئايدا 10 كومپىيۇتېر ئىئانە قىلدى . بۇ قېتىمقى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىشى ئۇلارنىڭ ناھىيەمىزگە تۆتىنچى قېتىم ياردەم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئىلگىرى يالقۇنتاغ مەكتەپ ۋە دىغار مەكتەپكە ئايرىم–ئايرىم ھالدا 10 ، 20 يۈرۈشتىن كومپىيۇتېر ئىئانە قىلغان ، بۇ قېتىم يەنە قۇم مەھەللە مەكتەپ بىلەن كۆكيار مەكتەپكە 18 يۈرۈشتىن جەمئىي 36 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئىئانە قىلدى . گەرچە ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى دۆلەتنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› ئۆلچىمىگە يەتسىمۇ بىراق كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىمىز ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يەنىلا كەمچىل . شۇڭا بەزى مەكتەپلەردە گەرچە كومپىيۇتېر دەرسى ئورۇنلاشتۇرغان بولساقمۇ يەنە بەزى مەكتەپلەردە كومپىيۇتېر كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بۇ دەرسنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنىدۇق . يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ناھىيەمىزدىكى بەش باشلانغۇچ مەكتەپكە جەمئىي 66 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىپ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىشىمىزغا زور كۈچ چىقاردى . ھازىر بۇ مەكتەپلەردىكى كومپىيۇتېرلار تورغا ئۇلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىدە ئىككى سائەت كومپىيۇتېر دەرسى ئۆتۈلىدىغان بولدى . پىدائىيلار تەقدىم قىلغان بۇ كومپىيۇتېرلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى تۈرتكىسى ناھايىتى زور . مەن پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى جۈملىدىن پىچان ناھىيەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مىللىي مائارىپنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتىدىن تەسىرلىنىپ ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللىشىنى ، يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
ئىگىلىنىشىچە ، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قوشۇنى 2008–يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1– دەرىجىلىك تەپتىش ، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى يالقۇن ئوسمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ھازىرغىچە مەمۇرلار ، مۇخبىرلار ، كارخانا باشقۇرغۇچى ، كارخانا خادىملىرى ، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ، دەم ئېلىشقا چىققانلار ، ئوقۇتقۇچىلار ، سىتۇدېنتلار ۋە دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان . ئىككى يىلدىن بۇيان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ساخاۋەتچى كارخانىچى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەدىيە بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ، 36 يېزا مەكتىپىدە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ ، 400 كومپيۇتېر ، 140 كومپيۇتېر ئۈستىلى سەپلەپ بەردى ھەمدە ئۈچ كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلېۋىزور ، كومپىيۇتېر ، DVD ئاپپاراتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلدى .