1993-يىلدىكى ئۆكتەبىر ۋەقەسىدە يېلىتسىن ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۆكتىچى رۇزكوينىڭ ھاكىمىيەتنى تالىشىش ئۇرۇشىنى قاتتىق باستۇرۇپ،روسىيەدىكى ئىككى سىياسىي ھاكىمىيەت تىركىشىۋاتقان قالايمىقان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى،يېلىتسىننىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلىدى،روسىيە تارىخىدىكى يېلىتسىن دەۋرى باشلاندى.ئاخىرىدا يېلىتسىن باشچىلىقىدىكى قىسىملار ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ،ئاقساراي(پارلامېنت بىناسى)نى توپقا تۇتتى،ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق توقۇنىشى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇ«مىلتىق ھاكىمىيەت چىقىدىغانلىقى»نىڭ يەنە بىر مىسالى.
ئۆكتەبىر قانلىق ۋەقەسى يەنە ئاق ساراينى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1993-يىلى يېلىتسىن بىلەن پارلامېنت(دۇما)نىڭ دۆلەت پارلامېنت تۈزۈمىدە بولامدۇ ياكى پىرىزدېنت تۈزۈمىدە بولامدۇ دېگەن تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىدى،ئاقىۋەت قانلىق ۋەقە كېلىپ چىقتى.
ئەينى چاغدا پارلامېنت تەرەپدارلىرى پارلامېنت تۇرۇشلۇق جاي ئاق ساراينى ئىگەللىۋېلىپ يېلىتسىننىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى.ئەمما روسىيە ئارمىيىسى يېلىتسىن تەرەپتە تۇردى،كەڭ كۆلەمدە تانكا يۆتكەپ كېلىپ پارلامېنتنى توپقا تۇتتى.پارلامېنتنىڭ ھاكىمىيەتنى تالىشىش كۈرىشى مەغلۇپ بولدى.
بۇ توقۇنۇشتىن كېيىن روسىيە پىرىزدېنت تۈزۈمى يولىدا ماڭدى،ھازىر روسىيە پىرىزدېنتىنىڭ ھوقوقى پارلامېنتنىڭ ھوقوقىدىن چوڭ.ئاق ساراينى توپقا تۇتۇش روسىيەنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى سىياسىي قالايمىقانچىلىقتىن خالاس قىلدى،تارىختا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!