
1990–يىلى ئاپرېل ، ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن ئىراق ئارمىيەسىگە نۇتۇق سۆزلىمەكتە
 

1990–يىلى ئاۋغۇست ، ئىراق ئارمىيەسى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۈن . ئىراق تانكىلىرى ۋىت شەھىرىنى قورشىدى
 

1990–يىلى ئاۋغۇست، بىراگبۇرگدىن كەلگەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە
 

1990–يىلى سېنتەبىر ، ئىراق بىلەن ئىئوردانىيە چېگرىسىنىڭ ئىككى يېقىدىكى سەرگەردان مۇساپىرلار ئاشلىق تىلىمەكتە
 

1990–يىلى ئۆكتەبىر ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ساراتوگا›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى قىزىل دېڭىزدا
 

1990–يىلى نويابىر ، ئىراقتا كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغالغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا 1–ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانى قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ قولتۇق ئۇرۇشىغا قاتناشتى
 

ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹قارا بوران›› ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئۇچقۇچى جون نىكېلنى ئىراقلىقلار ئەسىرگە ئالدى
 

قولتۇق كىرىزىسى مەزگىلىدە ، ئەنگىلىيە ئارمىيەسى ئىشلەتكەن جەڭگە قوماندانلىق قىلىش ماشىنىسى
 

1990–يىلى نويابىر ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇبەيل شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خىمىيەلىك ھۇجۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەشىق قىلماق
 

1990–يىلى دېكابىر ، ئامېرىكىنىڭ ۋاقىتلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېك چېنېي بىلەن ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ سابىق رەئىسى گېنېرال كولىن پوۋېل بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىسىملىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى
 

1991–يىلى يانۋار ، ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئوت كۈچى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى ، كېچە ئاسمىنى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى
 

1991–يىلى يانۋار ، ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى جون ماجور 4–بىرونە بىرىگاداسىنىڭ تانكىسىغا ئولتۇرۇپ ، قولتۇق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى
 

1991–يىلى 14–فېۋرال ، بىر قىسىم ئەرلەر ئەل ئەمىرىيە ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۆڭكۈرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە ، بۇ جاي بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، ئېيتىلىشىچە ئىچىدىكى 400 نەچچە سەرگەردان مۇساپىر قازا قىلغان ئىكەن
 

1991–يىلى فېۋرال ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F–16 تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى سەپداشلارنىڭ چوقان–سۈرەنلىرى ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى . يەر يۈزىدىكى قىسىم ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئىراق ۋە كۇۋەيتنى بومباردىمان قىلىشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتاتتى
 

1991–يىلى ، ئىككى ئايال باغداتتىكى خارابىلىكتىن ئۆتمەكتە
 

1991–يىلى ، ‹‹قۇملۇق بوران–چاپقۇنى›› ھەرىكىتىدە ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ۋىسكونسىن›› ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدىكى ئىستوۋۇل دىيامېتىرى 16 ديۇيملىق پىلىموت ئوت ئاچماقتا
 

1991–يىلى فېۋرال ، (سولدىن ئوڭغا ) ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ سابىق رەئىسى گېنېرال كولىن پوۋېل ، ئامېرىكىنىڭ ۋاقىتلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېك چېنېي ۋە ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى نورمان شىۋازكوفلار سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىيادتا ‹‹قۇملۇق بوران–چاپقۇنى›› پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
 

1991–يىلى فېۋرال ، ئىراق ئەسكەرلىرى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەسلىم بولدى
 

1991–يىلى ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ئىراق بىلەن كۇۋەيت چېگرىسىدا تۇرماقتا
 

1991–يىلى فېۋرال ، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ شەھىرى يەلتاپان ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ خارابىلىككە ئايلاندى
 

1991–يىلى مارت ، بىرلەشمە ئارمىيە قوزغىغان ھۇجۇمدا ، ئىراق ھەربىي ئىشلار خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كۇۋەيتكە قاچتى . كۇۋەيتنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىقى تاشيوللاردىكى يۈك ئاپتوموبىلى ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە باشقا ئاپتوموبىللار بومباردىمان قىلىندى
 

1991–يىلى ئاپرېل ، كۇرد مۇساپىرلىرى ئىرانغا قاچتى
 

1991–يىلى ئاپرېل ، 82–ئاۋىياتسىيە دىۋىزىيەسىنىڭ ئۈچ ئەسكىرى زەھەردىن ساقلىنىش ماسكىسى ۋە يامغۇرلۇق كىيىم بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ياز پەسلىگە ماسلاشتى
			























