ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستان كاراچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە31ئادەم ئۆلۈپ 40ئادەم يارىلاندى

2010-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:jahan123.com تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى كاراچىدا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن،10-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە ئۆلگەنلەر سانى31ئادەمگە يەتكەن. خەۋەرلەرگە قارىغان
  

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى كاراچىدا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن،10-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە ئۆلگەنلەر سانى31ئادەمگە يەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا،پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، سىندھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كاراچىدا10-ئاينىڭ17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى تولۇقلاش سايلىمىدا،ئامما بۇ يىل 8-ئايدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستان بىرلىك مىللىي ھەركىتى پارتىيىسى(Muttahida Qaumi Movement)نىڭ پارلامېنت ئەزاسى رازا ھەيدەر(Raza Haider)نىڭ ئورنىغا يەرلىك ۋەكىل سايلاپ چىقىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا،ھەيدەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،كاراچىدا سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن،جەمئىي85ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.پەقەت10-ئاينىڭ16-كۈنىدىن17-كۈنىگىچە بولغان تولۇقلاپ سايلاشقا بېلەت تاشلاش باشلاندىن بېرى48سائەت ئىچىدە،كاراچىدا بىر قاتار قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ28ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سىندىھ ئۆلكىسى ساقچى باشلىقىنىڭ دېيىشىچە،نۆۋەتتە دوختۇرخانىلاردىكى ئادەم سانىنى سىتاتىستىكىلىغاندا،بۇ قېتىمقى سىياسىي زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانى31گە يەتتى دېگەن.بارلىق ئۆلگىچىلەرگە ئوق تەككەن بولۇپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.ئاز دېگەندە40ئادەم يارىلانغان.ساقچىلار زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق60نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە،كاراچىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرىنىشى بار ئىكەن.بىرلىك مىللىي ھەركەت پارتىيىسى بىلەن خەلق مىللىي پارتىيىسىنىڭ مەيدانى قارىمۇقارشى بولغاچقا،پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!