كوچىلار ئىش تاشلىغۇچىلارغا لىق تولدى
فىرانسىيەدە پېنسىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا قارشى مەملىكەت بويىچە ئىش تاشلاش بارغانسېرى كۈچىيىپ ، ئىش تاشلىغۇچىلار 20 -ئۆكتەبىر ئايرودرومغا بارىدىغان قىسمەن يول بۆلەكلىرىنى ئېتىۋالغاچقا ، بىر قىسىم ئايرودروملار تاقالغان .
فىرانسىيە پارىژ ئايرودرومى گۇرۇھىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىش تاشلىغۇچىلار ئورلى ئايرودرومىنىڭ ئىككى ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىغا بارىدىغان ئاساسلىق يولنى ئېتىۋالغاچقا ، بۇ ئايرودروم شۇ كۈنى %25 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ئورلى ئايرودرومى پارىژدىكى 2 - چوڭ ئايرودروم ھېسابلىنىدۇ .
كېڭەش پالاتاسى 20-ئۆكتەبىر پېنسىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قارىتا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغانلىقتىن ، فىرانسىيە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشما ئەزالىرىنى 19-ئۆكتەبىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 شەھەردە بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. بۇ، فىرانسىيەدە ئىككى ئاي ئىچىدىكى 6-قېتىملىق ئىش تاشلاش بولۇپ ، ئىش تاشلىغۇچىلار پېنسىيە يېشىنى 60 ياشتىن 62 ياشقا ئۆستۈرۈش پىلانى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلىغان . فىرانسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار ، پېنسىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلاش ھەرىكىتى فىرانسىيەنى ھەر كۈنى 100 مىليون فوندستېرلىڭ زىيانغا ئۇچراتتى ، دېگەن .
مەملىكەت بويىچە ئىش تاشلاش توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئايرودروملار تاقالغاندىن سىرت ، ئىش تاشلىغۇچىلار يەنە يېقىلغۇ ماي ئىسكىلاتىغا بارىدىغان يولنى ئېتىۋالغاچقا ، يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلەش جىدددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن . 19-ئۆكتەبىرگە قەدەر ، فىرانسىيەدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ماي قاچىلاش پونكىتى ماي سېتىشقا ئامالسىز قالغان . 19-ئۆكتەبىر ، پارىژ كوچىلىرىدا ، ياشلار بىلەن ساقچى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ ، ياشلار ساقچىلارغا تاش ئاتقان ھەمدە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ، ساقچى تەرەپ ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئېتىپ ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن .
فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى 20-ئۆكتەبىر ، ھۆكۈمەت ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدۇ ، پېنسىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ ، دېگەن .