ش ئا ئە ت نىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئاخبارات تورىCNNنىڭ مۇخبىرىغا بازا تەشكىلاتىنىڭ ئاتامانى بىن لادىن نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا«تۇرمۇش كەچۈرمەكتە»،يەرلىك قەبىلىلەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاناھىغا ئېرىشتى دېگەن.بۇ قاراش پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ئىلگىرى،ئامېرىكا تەرەپ بىن لادىن«مۇقىم تۇرماي،كۈندە ئۈچ قېتىم يۆتكىلىش»تاكتىكىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن قېچىپ يۈرۈيدۇ دەپ جاكارلاپ كەلگەن ئىدى.ئەمما يۇقىرىقى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ش ئا ئە ت ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە،لادىن ۋە قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى«تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە يوشۇرىنىۋالغان ئەمەس»،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جاكارلىغاندەك«پات-پات يوشۇرۇنغان جايىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان»مۇ ئەمەس ئىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،ش ئا ئە ت ئەمەلدارىنىڭ بۇ ۋاقىتتا«بىن لادىن راھەت تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ»دېگەن سەپسەتىنى چىقىرىشى،پاكىستان ئارمىيىسىغا بېسىم قىلىپ،پاكىستاننىڭ تالىبان قوراللىق كۈچلىرى جايلاشقان شىمالىي ۋەزىرىستانغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلغانلىقى ئىكەن.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىكCNNنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە لادىن ئەگەر راستىنلا پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە بولسا،ئالاقىدار تەرەپلەر قاراپ ئولتۇرمايدۇ ەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!