ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خۇاۋېي شېركىتى ئىراننىڭ باشقىچە قاراشتىكى زاتلارنى ئىز قوغلىشىغا ياردەم بەردى دەپ ئەيىبلەندى

2011-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
11-ئاينىڭ 2-كۈنى نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خۇاۋېي ( 华为 ) تېخنىكا چەكلىك شېركىتىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدىغان كۆچمە تېلفون ئىگىلىكىدە باشل
  

 

 11-ئاينىڭ 2-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خۇاۋېي (华为) تېخنىكا چەكلىك شېركىتىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدىغان كۆچمە تېلفون ئىگىلىكىدە باشلامچىلىق ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئىران دۆلەت بىخەتەرلىكى تورىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر گېزىتى ئىسمى ئاشكارىلانمىغان «ئىرانلىق تېلېگراف خادىمى»، «ئوقۇغۇچى پائالىيەتچى زاتلار»، «سۆھبەتلەشكۈچى زاتلار» زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى خۇلاسىسىدە دېيىشىچە، خۇاۋېي شېركىتى ئىرانغا تېخنىكا تەمىنلەپ، «مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ باشقىچە قاراشتىكى زاتلارنى يوقىتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ قورالى بولۇپ قالغان». ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىتا، خۇاۋېي شېركىتى رەددىيە بېرىپ «پۈتۈنلەي ساختا خەۋەر، ھەقىقىي ئەھۋالغا ئېغىر دەرىجىدە ماس كەلمەيدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خۇاۋېي شېركىتىنىڭ ئىراندىلا ئەمەس، پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا تەتقىق قىلىش، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئاممىۋى ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى سېتىش بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىنى، تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرىمۇ پەقەت ئېنتىرنېت ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش، يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئاسراشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر