<ھېكايە>
ئەتتىرگۈل
كەچلىك تاماقتىن كېيىن،تېلېۋۇزۇرنى ئاچاي دەپ تۇراتتىم تېلېفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-تېچلىقمۇ ئاداش ،ئۆيدە بولساڭ كۆرۇشۇپ كىلەي دېگەنتىم ،ساڭا دەيدىغان گىپىم بار ئىدى.
-ۋاي رەيھانمۇسەن،ھەجەپ كەچتە يادىڭغا يېتىپ قاپتىمەن ،ئەمسە سېنى ساقلايمەن،مەنمۇ يالغۇز زىرىكىپ تۇراتتىم ...
رەيھان ئوتتۇرا تېخنىكومدىكى ساۋاقدىشىم ھەم يېقىىن دوستۇم ئىدى. ئۇنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باشقىچە خوش بولۇپ كەتتىم.
ھايال ئۆتمەي ئىشىك چىكىلدى،ئالدىراپ بىرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.ئالدىمدا ئاددىي-ساددا كېيىنگەن،ئۇششاق گۈللۇك يېشىل ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىپ،ئوڭ قولىغا كىچىك سومكا كۆتۇرۋالغان رەيھان مەيۇس كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.ئۇنى تارتىپلا باغرىمغا بىسىپ كۆرۇشتۇم. ئىز تورى www.iz.la
رەيھان چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ،ئاغرىپ قالمىغانسەن؟ ئۆزەڭنى نىمانچە تاشلاۋەتكەنسەن دوستۇم....
گەپلىرىمنىڭ يېرىمى بوغۇزۇمدا قالدى،ئۇ ئەھۋال سوراشلىرىمغا جاۋاب بەرمەيلا ئىشىك يىنىدىكى بىر كىشلىك كونا ساپاغا ئۆزىنى تاشلاپ دەمدەردەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
كۆڭلۇم بىر كېلىشمەسلىكنى تۇيغاندەك نېمە قىلىشىمنى ،نىمە دەپ تەسەللىي بىرىشىمنى بىلەلمەي بىر پەس داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.
-نېمىش ئىش بولدى ؟ مېنى قورقۇتماي گەپنى ئوچۇق دېگىنە..............
- بۇ ھالىم بىلەن ساڭا...دەپ بولالمايمەن،ماۋۇ خاتىرىنى ئوقۇپ باق،ئاندىن ھەممىنى چۇشۇنىسەن...،ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ سومكىدىن بىر كۆك تاشلىق خاتىرىنى ئالدىدە،ماڭا ئۇزاتتى.
مەن خاتىرىنى قولۇمغا باش بەتنى ئاچتىم ،كۆزۈم <ھىجىران يېشى > دېگەن ماۋزۇغا چۈشكەندە نېمىشقىدۇر يۇرىكىم ئېغىپ،پۇتۇن ۋۇجۇدۇم جۇدۇن سوققان ياپراقتەك تىتىرەپ كەتتى.
رەيھاننىڭ خاتىرسىگە تۈۋەندىكىدەك قۇرلار يېزىلغان ئىدى.
< 1>
بۇ مېنىڭ ئورتا تىخنىكوم مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ يېڭى خىزمەتكە چىققان چاغلىرىم ئىدى .
مەن تەڭ دېمەتلىك قىزلاردەك تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقىمىغا ماسلىششنىڭ ئورنىغا،خىزمەتكە چىقسام ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام، ئائىلە ئىشلىرىنى قولۇمغا ئىلىپ ئانامنىڭ قولىنى سۇۋۇتسام ،ئانامنى كېسىلىنى داۋالىتىپ دادامغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلسام دېگەننىلا ئويلايىتتىم. copyright by www.iz.la
خىزمەت ئورنۇم ئائىلىمىزدىن 10كىلومىتىر يېراقلىقتىكى چەت بىر يېزىدا ئىدى. سەھەر تۇرۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ناشتىلىغىنى تەييارلاپ بېرىپ، ۋېلىسىپىتىمنى مېنىپ ، مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپكە قاراپ يول ئالاتتىم.ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ھەتتابەزى كۈنلىرى ئاچ- توق قالساممۇ پەقەت زارلانمايىتتىم يولنىڭ يىراقلىقىمۇ كۆزۈمگە كۆرۇنمەيتتى .
يامغۇرلۇق كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم .ئۇكۇنى يامغۇر شۇنچە كۈچلۈك يىغىۋاتاتتى.ئىشقا ئالدىراپ يامغۇرلۇق ئىلىۋالمىغاچقىمۇ يامغۇر ئىچ-ئىچىمدىن ئۆتۇپ كېتىپ مۇزلىغىنىمدىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم.يېغلاۋاتىمەن،ۋەلىسپىتىمنى كۈچەپ ھەيدەۋاتىمەن.،ئەمما ھېچ ئىلگىرلىگەندەك قىلمايىتتم. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر كىچىك ماشىنا يېنىمدىلا توختاپ، ماشىنىدىن ئاق يۇزلۇك، ئېگىز بويلۇق بىر يىگىت چۇشۇپ:< يامغۇر بەك كۇچەپ يېغىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە يامغۇرلۇق ئېلىۋالماپسىز ،ماڭا ئىشەنسىڭىز بارىدىغان يېرىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي>،-دېدى . مەن كېچىكىپ قىلىپ باشلىقتىن تىل ئاڭلىماسلىقىنى ئويلىدىممۇ، تارتىشمايلا ماقۇل بولدۇم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ يىگىت ۋەلىسپىتىمنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ماشىنىغا چىقتى- دە،ئۈن – تىنسىزلا ماشىنىنى قوزغاتتى.
- بەك مۇزلاپ كېتىپسىز ،ماۋۇ چاپاننى كېيىۋىلىڭ، بولمىسا مۇزىلاپ كېتىسىز دىدى ئۇ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ماڭا بىر چاپاننى سۇنۇپ.مەن رەھمەت ئېيىتقىنىمچە چاپاننى ئىلىپ يېپىنىۋالدىم .
مۇزلىغان ئاجىز تېنىم ئىللىپ،جاقىلداپ تىترەشلىرىم توختىدى.نېمىشقىدۇ ، بۇ ناتونۇش بالىغا كۆز قىرىمدا قارىغىنىمچە ئىچىمدە ‹ بۇ بالا مېنى تونۇمدىغاندۇ؟› دەپ ئويلاۋاتاتتىم .ئەمما ئۇ گەپمۇ قىلماي ماشىنىنى بىر خىل سۈرئەتتە ھەيدەپ كېتىپ باراتتى....مانا مەكتەپكىمۇ يېتىپ كەلدۇق.مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيىتقىنىمچە مەكتەپكە كېرىپ كەتتىم . ئەمما پۇتۇن بىر كۇن خىيالىم شۇ يېگىتتە ئىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
كۈچلۇك يامغۇر سىم-سىم يامغۇرغا ئايلىنىپ ھېچ توختاي دېمەيتتى.ئىشتىن چۇشۇپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمغا ئۇنىڭ مەن ماشىنىدىن چۇشكەن يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ يېنىغا بېرىپ؛ بىرسىنى ساقلاپ تۇرغانمىدىڭىز دەپ سورىدىم
-ھەئە، سىزنى ساقلاپ تۇرغانتىم ...سىزنى يەنە يامغۇردا قېلىپ ئاغرىپ قالمىسۇن دەپ ،- دېدى ئۇ تاتلىققىنە كۇلۇمسىرەپ. بۇ كۇلۇمسىرەش مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغاندى . ماشىنىغا چىقتىم .گەپ –سۆز قىلىشماي ماڭدۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئەينەكتىن پات-پات قاراۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتىم .بەزىدە كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۇلۇپ قوياتتۇق.
ماشىنىنىڭ تۇيۇقسىز تورمۇز قىلىنىشى بىلەن خىيالدىن ئويغاندىم .توۋۋا ئۆيىمىز ئالدىغا كەپ قاپتۇققۇ ،مەن يە ئويۇمنىڭ ئادىرسىنى دەپ بەرمىسەم ............... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئۆيگە كىرىپ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ،مانا بۇ مىنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرۇم .ھەر قانداق ۋاقىتتا ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز تېلېفۇن قىلارسىز، مەن تەييار.
مەن دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ كەينىمگە قارىسام ئۇنىڭ بايامقى جايىدا قوزغالماي ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم .
(2)
كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئىشلىرىمنى بىسىقتۇرۇپ بولۇپ ياتاق ئۇيۇمگە كىرىپ ،تېخى يېڭىلا سېتىۋالغان جالالىدىن بەھرامنىڭ <كۆمۇرچى بالا > دېگەن رومانىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئەمما كاللامغا ھېچنىمە چۇشمەيىتتى، خىيالىم ئۇنىڭدىلا قالغان ئىدى.
توۋۋا مەن نېمە بولغاندىمەن ،نېمىشقا ئۇنىلا ئويلايمەن؟... ،ئۇنىڭ كۇلۇمسىرەشلىرى ھەجەپ تاتلىقكەن.....شۇ خىياللار ئىچىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن .
شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇتېنچ كۆڭلۈمگە بۆسۇپ كىردى . ئۇنى ئويلايتتىم ،كۆرگۇم كېلەتتى،ئەمما تېلىفۇن قىلىشقا خىجىل بولاتتىم،ئۇمۇ ئالدىراش چېغى، مېنى ئېزدەپمۇ كەلمىدى .ئولتۇرسام ، قوپسام ، ئىشقا ماڭسام،قەيەرگىلا بارماي كۆزلىرىم ئۇنى ئېزدەيتتى...توۋۋا ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندىمەنمۇ؟...مەن يا ئۇنىڭ كىملىگىنى ، نېمە ئىش قىلىدىغانلىغىنىمۇ بىلمىسەم..بەلكىم شۇ كۇندىكى ياردىمىگە مىننەتدارلىقىم باردۇ، دەپ كۆڭلۇمدىكى ئىنتىلىشلىرىمنى باساتتىم .
خېلى كۇنلەر ئۆتۇپ كەتتى.
ئاپامنىڭ سالامەتلىكى كۇندىن—كۇنگە ناچارلاپ كېتىۋاتاتتى، داداممۇ ئاپامنىڭ كىسەلدىن ئاجىزلاشقان تۇرقىغا قاراپ تۈگىشىپلا كەتكەن ئىدى.دادامغا قارىسام ئېچىم بەكمۇ سېرىلىپ كېتەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپام بىلەن دادام بەكمۇ قاملاشقان بىر جۇپلەر ئىدى...ئائىلىمىز شۇنچە بەخىتلىك ئىدى ،ئەمما رەھىمسىز ساقايمەس كىسەل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خوشاللىقىنى يەپ كەتتى، دادامنىڭ ئاپامنى داۋالىتىش ئۇچۈن ئالمىغان قەرىزى ،ساتمىغان مال- بىساتى قالمىغانىدى ، شۇڭا ئاپام ئائىلىدە داۋالىنىشىنى تەلەپ قىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋالغان ئىدى.ئۇلۇغ ئاللاھ، ئاپامنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەيسەن ،ئاتامغا جاسارەت ئاتا قىلغايسەن، دەپ ئاللاغا سېغىنىپ يۇم-يۇم يىغلايتتىم.
يېرىم كىچە بولغاندا ئانام تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ،كۆز قارچۇقلىرى كەينىگە كېتىپ قالدى.دادام ئىككىمىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي ، ئاسمان يېراق ، يەر قاتتىق بولۇپ ئامالسىز قالدۇق.دادام ماشىنا ئىزدەپ چىقىپ كەتتى، بۇ يېرىم كېچىدە نەدىكى ماشىنا ..تۇيۇقسىز ئۇ ئېسىمگە كېلىپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم.ئۇ بىردەمدىلا يېتىپ كېلىپ دادامغا ياردەملشىپ ئانامنى ماشىنىغا ئالدى .دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئانامنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۋىلىندى . ئۇ بولمىغان بولسا قانداق قىلار ئىدۇق..........
شۇ كۇندىن باشلاپ بىز تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ تۇرۇدىغان بولدۇق.ئەسلىدە ئۇ مېنى سىرىتتىن تونۇيدىكەن ....ئۇمۇ بىكار بولۇپ قالسا پات-پات ئانامنى يوقلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىسىمى ئىلھام بولۇپ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىكەن.ئۆيى شەھەر ئىچىدە بولۇپ، ئائىلىسى شەھەردە خېلى نامى بار كاتتا ئائىلىلەردىن ئىكەن . شۇ كۇنلەردىن باشلاپ مۇناسۋىتىمىز قويۇقلىشىشقا باشلىدى.تېلىفۇندا شىرىن گەپلىرىمىز تۇگمەيتتى.كەلگۇسىدە تويىمىزنى رومانتىك ئۆتكۇزسەك، پەرزەنتىمىز بولسا،ئۇلارنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئويناتساق،بىر كۇنى تاماقنى سىز ئەتسىڭىز، بىر كۇنى مەن ئەتسەم ، بالىلىرىمىزنى ئېلىپ يېراق جايلارغا ساياھەتكە بارساق ،بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ ،داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتساق... دېگەندەك نۇرغۇن شېرىن خىياللارنى قىلاتتۇق. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ ماڭا ھەركۇنى ... ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ ، ناشتا قىلدىڭىزمۇ، ئانىڭىز قانداقراق تۇرىدۇ...بۇگۇن ھاۋا ياخشى ئەمەس قېلىنراق كېيىنىڭ...نىمە بولدى يىغلىدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ مەلىكەم بەك چىداملىق...،- دەپ ئۇچۇر يوللاپ تۇراتتى.بۇنى كۆرۇپ ئۈزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم .ئشى چىقىپلا قالمىسا ھاۋا تۇتۇق كۇنلىرى مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياتتى.
مۇھەببەتنىڭ شىرىن قوچىغىدا ئەللەيلىنىپ يۇرگىنىمدە،ئانامدىن ئايرىلىپ قالدۇق.
ئانام بىزنى چوڭقۇر ئازابلارغا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى،يىغلىدىم قاخشىدىم .داداممۇ بىر بۇلۇڭدا مۇرىلىرىنى تىتىرەتكىنىچە يۇم-يۇم يىغلايتتى.
مانا، ئانامنىڭ قىرىقىنىمۇ بىرىپ بولدۇق. ئۇ شۇ كۈنلەردە دادام بىلەن ئاكامنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا-پۇت بولۇپ كۆپ ياردەم قىلدى.كۇنلەر يەنە ئۆتىۋەردى.دادام مەندىن يۇشۇرۇن يىغلىسا مەن دادامدىن يۇشۇرۇن كۆز يىشى قىلاتتىم .ئانامغا چىدىماي قالدىم، ئۆيدىن ،كۆچىلاردىن ئانامنىڭ سىماسىنى ئىزدەيىتتىم ،لېكىن تاپالمايتتىم .مەكتەپتىن قايتقاندا ئانام خۇددى دەرۋازا ئالدىدا مېنى ساقلاۋاتقاندەك ھېسياتتا بولاتتىم، دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئانامنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەي يەنە يىغا تۇتاتتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
(3)
ئىلھامنىڭ قىزغىن مۇھەببىتى مېنى يەنە ھاياتقا كۇلۇپ قاراشقائۈندەيتتى...مەن يەنە خىزمىتىمنى ئىشلەۋەردىم .مۇنبەرگە چىقىپ دەرس سۆزلىگەن چىغىمدا ھەممە ئازابلىرىم ئۇنتۇلاتتى..داداممۇ تىجارىتىنى باشلىۋالدى،تېرىكچىلىق قىلمىسا ،ئىككى مورىمىزنى بېسىپ تۇرغان قەرىزدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن كۈچەپ ئىشلىمىسەك بولمايتتى.
كېيىن تۇققانلارنىڭ تەربىيە قىلىشى،ئەل –ئاغىنىلىرىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن ئانامنىڭ يىلىدىن كېيىنلا دادام بىر قىزى بار بىر ئايالغا ئۆيلەندى.مەن مەكتەپنىڭ ياتىقىغا كۆچۇپ كەلدىم .چۇنكى ئۇ ئايالنى ئانا دەپ چاقىرغۇم ،ئانام ئەزىزلەپ تۇتقان بۇيۇملىرىنى تۇتقىنىنى كۆرگۇم يوق ئىدى .قىسقىسى بۇ ئايالنى كۆڭلۇمگە سېغدۇرالمىدىم ..دادام بىلەن بولغان مۇناسۋىتىمىز مۇ يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىلھام ماڭا تېخىمۇ كۆيۇندىغان بولۇپ كەتتى. مېنى قەدىرلەيىتتى،ھۆرمەت قىلاتتى، كۆيۈنەتتى ئەمما ئورۇنسىز تەلەپ قويمايتتى.ئۇنى دائىم كۆرگۇم كېلەتتى.بىرەر كۇن تېلىفۇن قىلمىسا يىغلىغۇم كېلەتتى.شىرىن مۇھەببەر قاينىمىدا تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆتۇۋاتقان بەخىتلىك كۇنلىرىمىز داۋاملىشىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ مەلىكەم دەپ چاقىرىشلىرىغا ئامراق ئىدىم .ھەر ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق ..خۇددى بىر بىرىمىز ئۈچۈن يارالغاندەكلا...
شۇ بەخىتلىك كۇنلىرىمىزنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى مىنى رىستۇراندا كۆرۇشۇشكە چاقىردى.يۇرۇگۈم ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى، خۇددىي بىر ئىش يۇز بىردىغاندەكلا.
مەن دەككە – دۇككە ئىچىدە ھېلىقى رېستۇرانغادېيىشكەن ۋاقىتتا يىتىپ باردىم.زامانغا لايىق چىرايلىق ياسانغان،چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايال مىنىڭ قىلغان سالىمىمغا سۇسلا جاۋاب قايتۇردى ئاندىن مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۈزۈمنى خۇددى مىخ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ،يىگەن تامىقىم زەھەر تۇيۇلۇۋاتاتتى.شۇ تاپتا مېنى < نىمە دەر ،نېمىشكە چاقىرغاندۇ، دېگەن ئەنسىز خىياللار چىرمىۋالغان ئىدى. تاماق يەپ بولۇپ ئېغىر سۇكۇتتىن كېيىن ئىلھامنىڭ ئانىسى گەپنى تەشتى.
قىزىم بەك چىرايلىق ئىكەنسىز ،كۆز تەگمىسۇن.ئالدىڭىزغا سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۇنۇپ كەلدىم .ئاۋال ماقۇل دەڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نىمە دېيىشىمنى بىلمىدىم.ئايالنىڭ مىختەك قادىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىغىنىمچە بېشىمنى لىڭشىتتىم .
ئىلھامنىڭ ئانىسى ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۆزلىرىنى مەندىن ئېاىپ قاچقىنىچە سۆزىنى باشلىدى...
-قىزىم بىلىسىز، ئىلھام مىنىڭ دۇنيالىقتا بىر تاللا ئوغلۇم،شۇنچە ئارزۇلاپ باقتىم .ئانا دېگەن بالىنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلايدىكەن. سىزمۇ بىر كۇنلەردە ئانا بولغاندا چۇشۇنەرسىز .گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دەي. ئىلھامغا سىزنى ئىلىپ بىرەلمەيمەن..ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ.سىزدىن ئۆتۇنەي..ئۇنىڭغا لايىق تىپىپ قويدۇق، مەندەك بىر ئانىنىڭ تەلىۋىنى يەردە قويمىسىڭىز...،- دېدى ئۇ يېلىنغاندەك بىرخىل تەلەپپۇزدا.
نېمە دەي ..نېمىمۇ دىيەلەيتتىم ..بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلىۋەتتىم.يامغۇردەك تۆكۇلۇۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تۇسۇپ قالالمايتتىم ...
مەن ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئەمما يۇرۇگۇم ئۇنىڭ بىلەن كەتكەن ئىدى.
(4)
ئىلھامنىڭ يالۋۇرۇپ ئۆتۇنۇشلىرىمۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ يۇرىكىنى ئېرىتەلمىگەن ئىدى.ھەم مېنى دەپلا ئاتا- ئانىسىدىنمۇ كېچەلمەيتتى.
ئۇ ئاخىرى ئانىسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن قىز بىلەن توي قىلدى.مەن ئۇنىڭ تويى بولغان كۇنى مەكتەپتىكى ياتىقىمدا ئاچچىق كۆز ياشلىرىمنى توككىنىمچە ئۇنىڭغا ئۇنسىز بەخىت تىلىدىم ...ئەمما ئۇ بەخىتلىك بولالمىدى .ھاراق-شاراپ، ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇرۇگۇم لەختە-لەختە قان بولاتتى.ئەمما، مېنىڭ نىمە ئامالىم بولسۇن ، ئۇ ئەمدى ماڭا تەئەللۇق ئەمەس ئىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ مەن يەنە بىرسىگە كۆڭۇل بىرەلمىدىم . كۇنلىرىم –تۇنلىرىم ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئۇنىڭ يىقىملىق ئاۋازلىرىنى،تاتلىق كۇلۇمسىرەشلىرىنى ،كەلگۈسىدىكى شىرىن خىياللىرىمىزنى،مەلىكەم دەپ چاقىرىشلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم.................
شۇنداق ، بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇمىدىم.ئەمما ئۇنتۇمايمۇ ئامالىم يوق ئىدى .تەقدىر ئادەمنى نېمىگە كۆندۇرمەيدۇ دەيسىز ؟ئامراق بولما ، جۇدا بولىسەن ، ئۆچ بولما، گىرىپتار بولىسەن دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك .كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۆزەمگە مۇنداق تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم :ئەمدى ئۇنتۇيمەن ..ھەممىنى يېڭىباشتىن باشلايمەن . ئىشىنىمەن ، مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ،قەدىرلەيدىغان، بەخىتلىك قىلالايدىغان ھەقىقى مۇسۇلمان يىگىتكە ئۇچراشتۇرۇشقا قادىرئۇلۇغ ئاللاھ مېنىڭمۇ بەختىمنى بىرەر.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(5)
رەيھاننىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرى سىڭىپ كەتكەن بۇ خاتىرىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگۈنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدە ئورۇقلاپ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا،ھېلىمۇ ياش تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ قار كۆزلىرىگە ئېچىنىش ۋە ھىسداشلىق نەزىرىم بىلەن ئۇزاققىچە تىكىلپ قاراپ تۇردۇم ، بۇ قارىشىمدا يىغلىما دوستۇم ،بەخىتلىك كۈنلىرىڭ تېخى ئالدىڭدا .. دېگەن مەنا بارئىدى... ئىز تورى www.iz.la