جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى 18-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرگەزمىدە «يېشىل شىنجاڭ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىنىدۇ، شىنجاڭدىكى داڭلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار تولۇق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، ئورگانىك، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەملىك» مەھسۇلات ئوبرازى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم