
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ ئالتۇن شىركىتىنىڭ بىرى بولغان خېنەن لىڭباۋ ئالتۇن پاي شىركىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە كۈنىگە 300 توننا ئالتۇن خىللانغان رۇدىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئالتۇن تاۋلاش تۈرىنى يولغا قويدى، 2012-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كىيىن يىلىغا 5 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن تاۋلاش كارخانىسىغا ئايلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتۇننىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەچكە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتۇن زاپىسى مول بولغان تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار نۇرغۇن ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلاندى. 2010-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000كىلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئۈچى، 500كىلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئىككىسى، 200كىلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئالتىسى مەيدانغا كەلدى. يېقىندا، شىنجاڭ جىنچۈەن كانچىلىق شىركىتى 580مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىدە يىلىغا 5مىليون توننا ئالتۇن رۇدىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئالتۇن تاۋلاش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 2012-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش ئاخىرلاشتۇرغاندا، يىلىغا 2.3توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!