ما لىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى چې جۈن 3 – ئۆكتەبىردىن 6 – ئۆكتەبىرگىچە ئالتاي ۋىلايىتى ۋە يېزا ئىگىلىك 10 – شىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يەرلىك كادىرلار، ئامما، قەھرىمان – نەمۇنىچىلار، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى، شۇنداقلا چېگرادىكى شى، تۈەنلەرنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
چې جۈن ئالدى بىلەن جۇڭگو – قازاقىستان چېگراسىغا يېقىن ساندىق خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىغا كېلىپ، 3 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ‹‹كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش نەمۇنىچىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن يېزا ئىگىلىك 10 – شىسى 185 – تۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى ما جۈنۋۇدىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇنى سىز بىڭتۈەن ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەخرى، دەپ تەرىپلىدى، ئۇنىڭغا ئالايىتەن يېڭى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ بىڭتۈەن روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىپ، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قاراۋۇلخانا ئاسمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
چې جۈن چېگرادىكى شى، تۈەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرادىكى تۈەن – مەيدانلار بىڭتۈەن روھى ۋە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرۈپ، بىڭتۈەن روھىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، 3 – كەسىپكە تۈرتكە بولۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
چې جۈن مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ، بىڭتۈەننىڭ گۈزەل كەلگۈسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق، مەسئۇلىيەت ئېغىر، ۋەزىپە مۈشكۈل. مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قىسىم بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قىسىم بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.