ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى چىفاڭ كوچىسى 2011-يىللىق دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات يېتەكلەش مەبلىغىدىن 3 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش كەسپى مۇلازىمەت سەھنىسى بەرپا قىلغان. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 50 تىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىش كارخانىسى ھەمدە سەنئەتكارنى جەلپ قىلغىلى، مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتقىلى بولىدىكەن ھەمدە داڭلىق ماركىلارنى، تۈرلەرنى لايىھەلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، نەشىر ھوقۇقى سودىسى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئارقىلىق، كەسپىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت سەھنىسى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىلارغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە بازاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!