يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك خەتتات نىياز كېرىم شەرقىي بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ئۈستىدە توختىلىپ ، خەتتاتلارنى كەسپىي ئەخلاق ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىدىن بولۇپ ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ ، تېخىمۇ ياخشى ، ئىجادىي بولغان ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى .
ئارقىدىن خەتتاتلار ۋە خەتتاتلىق ساھەسىدە ئىزدىنىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىن تۇرسۇنجان ئىبىراھىم ، ئىسھاق كارامەت ، غەيرەت قاتارلىقلار خەتتاتلىق توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى . ماھىنۇر قاسىم ، مىجىت ناسىر ، يۈسۈپ ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەر ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان بۇ خەتتاتلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى . ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قۇرمانبېك بۇ يىغىننى ئالاھىدە قوللىغان شىنجاڭ ‹‹ گۈزەل ھايات ›› چەكلىك شىركىتىگە گۇۋاھنامە ۋە خەتتات قاينام جاپپار يازغان بىر پارچە ھۆسىنخەتنى سوۋغا قىلدى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك خەتتات نىياز كېرىم شەرقىي بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى : بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلدى ، قۇرۇلتايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشى ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . شۇنداقلا قۇرۇلتايدا يەنە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكىگە ھەپتىدە بىر سائەت خەتتاتلىق دەرسىنى قوشۇش بېكىتىلدى ، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى . بىز بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدۇق . خەتتاتلىقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل .