ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› قوراللىق قىسمى سۇرتنى كونترول قىلدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     قويۇق ئىس - تۈتەك باسقان سۇرت شەھىرى     داۋالاش خادىملىرى يارىلانغان ئەسكەرنى جىددىي قۇتقۇزماقتا

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 14 - ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، كازافى تىركەشكۈچىلىرىنىڭ سۇرتتىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ بازىسىنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارىيىۋاتقان بولۇپ، 13 - ئۆكتەبىر ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› قوراللىق قىسمى بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان.

    لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› سۇرتنى كونترول قىلدى

    گەرچە كازافى قالدۇق كۈچلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بىنا قورشۇۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› قوراللىق قىسمى يېقىن ئارىلىقتىن تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى داۋاملىق ئوققا تۇتقان.

   لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› نىڭ سۇرت ئالدىنقى سېپىدىكى بىر قوماندان، لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› قوراللىق قىسمىنىڭ كازافى يوشۇرۇن كۈچلىرى كونتروللىقىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىدىن باشقا، پۈتكۈل شەھەرنى كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   لىۋىيە يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پەقەت سۇرتنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن دېموكراتىيەلەشكەن تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن.

   كازافى ئوغلىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىنكار قىلىندى

   لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› نىڭ قوماندانى ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتاشىم 12 -ئۆكتەبىر سۇرتتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بېنغازىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراق قىلىنىدىكەن.

   لېكىن لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› نىڭ بېنغازىدىكى باياناتچىسى گالار، ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ سۇرتتىكى ھەربىي ئىشلار قوماندانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلغىنىغا ئوخشاش، نۆۋەتتە مۇتاشىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئېيتقان.

   13 - ئۆكتەبىر، لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› نىڭ رەئىسى جېلېل ، مۇتاشىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز، دېدى.

   مۇتاشىم بۇرۇن كازافىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولغان . لىۋىيە ئىنقىلابى پارتلاشتىن بۇرۇن ، مۇتاشىم كازافىنىڭ يەنە بىر ئوغلى سيف بىلەن كازافىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات دەپ قارالغان.

   كازافىنىڭ تىركەشكۈچىلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېلىشتى

   13 - ئۆكتەبىر، لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› قوراللىق قىسمى سۇرتتا كازافىنىڭ قىسىملىرىنىڭ كەسكىن قايتۇرما زەربىسىگە داۋاملىق ئۇچرىغان.

   گەرچە سۇرت شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىدە كازافى ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى يېشىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇرسىمۇ، لېكىن ‹‹مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ بىر قوماندانىنىڭ دېيىشىچە، كازافىنىڭ سۇرت شەھىرىدىكى تىركەشكۈچىلىرى ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتمەيۋېتىپتۇ. بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا تەسلىم بولمىغان . چۈنكى ئۇلار تەسلىم بولسىلا، ئېچىنىشلىق ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!