ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا فىللىپىن ئارمىيىلىرى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا يېقىن جايدا مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

2011-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە مىڭ فىلىپپىن ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى فىلىپپىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا سۇ ۋە قۇرۇقلۇق مانىۋېرى ( PH
  

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە مىڭ فىلىپپىن ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى فىلىپپىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا سۇ ۋە قۇرۇقلۇق مانىۋېرى (PHIBLEX) ئۆتكۈزمەكچى بولغان، بىر ئورۇندىكى مانىۋېر جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا يېقىن رايوندا ئىكەن. بۇ ئامېرىكا فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ 28-قېتىم PHIBLEX مانىۋېرى ئۆتكۈزىشى بولۇپ، مانىۋېر بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ يىلقى مەشىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توقۇنۇشتىن كېيىنكى رايوندا ئاپەتكە ماسلىشىش، كىچىك رايون تەرەققىياتى ۋە ئىنساپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ماسلىشىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغان. بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى فىلىپپىننىڭ يېڭى ئېسخا ئۆلكىسى ھەربىي گازارمىسى، بان پاكاتىن ئۆلكىسى كېراك ھاۋا ئارمىيە بازىسى، كاۋىتې ئۆلكىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ بازىسى، زامبالېس ئۆلكىسى دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە پالاۋان ئۆلكىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولىدىكەن. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىسىمىنىڭ بىر باياناتچىسى دېيىشىچە، مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ خادىملىرى دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ 4-باتالىيونى، دالا ئۇرۇشى توپچىلار باتالىيونى، يېقىن قىرغاقتا ئۇرۇش قىلىش باتالىيونى، زەربىدار بروۋنىك گازارمىسى ۋە دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ مەشىق مەركىزىدىن كەلگەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى بولسا ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ 3-يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ خادىملىرىنى قاتناشتۇرغان. بۇ باياناتچى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان ئەسكىرىنىڭ كونكرېت سانى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئامېرىكا فىلىپپىن ئارمىيىلىرىنىڭ يىللىق PHIBLEX مانىۋېرىدا تۇنجى قېتىم پالاۋان ئۆلكىسىنى مەشىق نۇقتىسى قىلىشى ئىكەن. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى فىلىپپىننىڭ پالاۋان ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى سۇلۇ دېڭىز ساھەسىدە بىرلەشمە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئىككى تەرەپ جەمئىي7 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، 1300 ئەسكەر قاتناشتۇرغان. چەتئەل ئاخباراتلىرى باھا بېرىپ، ئامېرىكا فىلىپپىن ئارمىيىلىرىنىڭ بۇ رايوندا قايتا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىشى كىشىگە بۇ يىل 6-ئايدىكى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ماجراسىدە كېلىپ چىققان جىددىي مۇناسىۋىتىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ دېگەن. پالاۋان ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى سۇلۇ دېڭىز ساھەسى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن تالىشىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئارالغا پەقەت 100 مىل كېلىدۇ. ئەمما فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارال ماجراسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر