ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سىلوۋاكىيە ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىق مېخانىزمىنى كېڭەي

2011-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋانرومپېي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باراسسو 13-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىق مېخانىزمىنى كېڭەيتىش لايىھەسىنىڭ سلوۋاكىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ياۋرو رايونى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ جانلىق قۇرال بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ ياۋرو رايونىدىكى 17 ئەزا دۆلەت، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا پايدىلىق. سلوۋاكىيە پارلامېنتى 13-ئۆكتەبىر 114 كىشىنىڭ قوشۇلۇشى، 30 كىشىنىڭ قارشى تۇرۇشى، 3 كىشىنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ياۋرو رايونى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپانىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىق مېخانىزمىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە جانلىق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ قارارنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىدىكى ئاخىرقى بىر توسالغۇ تۈگىتىلدى.
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
تەۋىسسيەلىك
بۈگۈنكى خەۋەرلەر