ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەر تەۋرەش سەۋەبلىك روسىيە جۇڭگوغا تۇربا يولى ئارقىلىق نېفىت تەمىنلەشنى توختاتتى

2011-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە نېفىت ئۇزۇتۇش شېركىتىنىڭ باياناتچىسى ئىگور Prime ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى روسىيەنىڭ ئامۇر ئوبلاستىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكتىن، مەزكۇر
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە نېفىت ئۇزۇتۇش شېركىتىنىڭ باياناتچىسى ئىگور Prime ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى روسىيەنىڭ ئامۇر ئوبلاستىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكتىن، مەزكۇر شېركەت شەرقىي سېبىرىيە-تىنچ ئوكيان نېفىت تۇربىسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە ئۈزۈپ تاشلىغان. روسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستېرلىكى يىراق شەرق تارماق ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باشقارما مۇدىرى سېرگىي ۋېكتور مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئامۇر ئوبلاستىدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن، 5 رايوندا تەۋرەش سېزىمى بولغان. ئىگور:«جۇڭگوغا نېفىت ئۇزۇتۇشنى ئۈزۈپ تاشلىدۇق، بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنى چوقۇم تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەشتە ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى» دېگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر