ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ تاشقورغاندا تۇنجى سىرلىق «ئاق - قارا تاشلىق قەبرىلەر توپى» بايقالدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى: رىزۋانگۈل
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئارخىئولوگىيە ئورنى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىغا يېقىن تاشقورغان دەرياسى يېنىدىن ئاق-قارا تاشلىق قەبرىلەر توپىنى بايقىدى. ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 50
  

 

      جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئارخىئولوگىيە ئورنى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىغا يېقىن تاشقورغان دەرياسى يېنىدىن ئاق-قارا تاشلىق قەبرىلەر توپىنى بايقىدى.
  ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 50 مېتىر كېلىدىغان توپىدىن ياسالغان پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتىكى تاشلار قۇيۇلغان بولۇپ، قارا رەڭ بىلەن ئاق رەڭنىڭ چېگرىسى روشەن ئايرىلغان. پەلەمپەينىڭ ئەڭ غەربىي بۆلىكىدە دېئامىتىرى ئىككى مېتىر كىلىدىغان تاش قورۇق قەبرە بار.
  ئارخىئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى، دوكتور ۋۇ شىنخۇا دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن مۇنداق قارىدى: «پامېر ئىگىزلىكى، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ بۇ خىلدىكى نەرسىلەر بايقالمىغان. ئارخىئولوگىيەلىك تەجرىبىمىز ۋە قولىمىزدىكى ماتېرىيالدىن قارىغاندا، بۇ تۇنجى قېتىملىق بايقاش.

 

                                                                                   مەنبە؛ شىنخۇا تورى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!