ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان ئابدۇرېھىم خەۋىرى: 26-سېنتەبىر
يوپۇرغا ناھىيەسى 2011-يىللىق سېنتەبىردىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹نىڭبو ۋېييىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى›› نىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى، ‹‹شەندوڭ جىنشيا پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتى››نىڭ پولات قۇرۇلمىلىق ئىسسىق ساقلاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى قاتارلىق بىر مىليارد 105 مىليون يۈەنلىك بەش تۈرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالىدى.توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدا ھەرقايسى كارخانىلار ۋەكىللىرى تۈرلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ‹‹نىڭبو ۋېييىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى›› نىڭ 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان 30 مىگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرى، ‹‹شەندۇڭ جىنشيا پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتى››نىڭ 60 مىليون مەبلەغ سالىدىغان پولات قۇرۇلمىلىق ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى، نىڭبولىق سودىگەر 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان تاۋارلىق بىتون تۈرى ۋە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش پولات ئىشىكى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ياساش تۈرى، ئۈرۈمچىلىك سودىگەر گاۋ ۋېي 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان 300 مىڭ دانە تۇخۇم تۇخۇسى باقمىچىلىق تۈرىدىن ئىبارەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىگە توختام ئىمزالىدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە يوپۇرغا ناھىيەسى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مەركەزلەشتۈرۈپ توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي15 تۈرگە توختام تۈزگەن، توختام ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان.