ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەخمەت ئىسمايىل، مۇتەللىپ راخمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلاردا ئېنېرگىيە تېجەش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل قىش كىرىشتىن بۇرۇن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى شىركىتىدىن تۆتى، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان كارخانىدىن توققۇزى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، 5مىليون 680مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتتى. ناھىيە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بۇ ناھىيەدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، كارخانىلاردا ئېنېرگىيە تېجەش، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.