ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋىرى : ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئائىت پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.
ھامىدىن نىياز، جاڭ سىشۆ، ماۋ دېخۇا، يۈسۈپ ئەيسا، لى دۇڭخۇي، لۈ چيەنشۈن، فېڭ داجېن، سۇلايمان نىيەتقۇل، شا مىڭ قاتارلىق پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.
يىغىندا كۆپچىلىك خىزمەت تەجرىبىسى ۋە تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، دوكلاتنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا تەرەققىيات، مۇقىملىق، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ياخشى پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى.
جاڭ چۈنشيەن تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قىزغىن سۆزلىرىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئىپادىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، مۇزاكىرە قىلىپ، قوبۇل قىلىپ، دوكلاتنى تېخىمۇ ياخشى تۈزىتىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئاچىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، چې جۈن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې يىغىنغا قاتناشتى.
پېشقەدەم يولداشلاردىن قېيۇم باھاۋۇدۇن، شيې فۇپىڭ، تۆربايىر، ئامىنە غاپپار، ماھىنۇر قاسىم، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، جاڭ خېڭ، ئابدۇقادىر نەسىردىن، دىيار قۇماش، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ گۇيخې، بېكمۇھەممەد مۇسا، جاڭ گۈيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، ۋۇ دۈنفۇ، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، شارىپقان كەرىم قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.