ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئۆزگىچە بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەر

2011-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   — ئاپتونوم رايونلۇق7–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ۋاڭ شىنخۇڭ

    ئاپتونوم رايونلۇق 7 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ‹‹ئىناقلىق›› دېگەن بۇ يېقىملىق ۋە ياڭراق سۆز ‹‹گۈللىنىش ۋە بېيىش›› دېگەن سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ‹‹تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش›› نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بۇ كۈرەش نىشانىنى بويلاپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى.

    ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىل شىنجاڭدا ‹‹11 – بەش يىل›› يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا پۇختا قەدەم بېسىلغان بەش يىل؛ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ، ئالغا باسقان بەش يىل؛ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھالقىپ راۋاجلانغان بەش يىل بولدى.

    بۇ بەش يىل ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىليونلىغان پارتىيە ئەزاسى ۋە 21 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ‹‹11 – بەش يىل›› يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

     1

    گوۋۇيۈەن 2007 – يىلى ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنى نۇرغۇن پايدىلىق، ياخشى سىياسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ كېيىنكى ئۈچ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ‹‹11 – بەش يىل›› يىرىك پىلانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا %9 ئاشۇرۇش، ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش بېكىتىلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرمۇ مۇناسىپ تەڭشەلدى.

    كەسپىي زاتلار بۇنىڭغا: ‹‹بۇ قارىغۇلارچە سۈرئەت قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جۇغلانمىسى ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى، پايدىلىق سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش پىرىنسىپى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان››، دەپ باھا بەردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلگەندىن كېيىن، تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشقا تېخىمۇ يۈزلەندى.

    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ قوش سىنىقى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 7 –، 8 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋاقتىدا ئېچىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەت، دۇنيا ۋە رايون ئەھۋالى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئىدىيە بىرلىككە كەلدى، تونۇش ئۆستۈرۈلدى، كۈچ مۇجەسسەملەندى.

    2010 – يىلى 5 – ئاي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دەرھال 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى يەنى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىشنى تېزلىتىش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق ۋە مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    يەتتە ئايدىن كېيىن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ‹‹چارەكلىك سىناق››، 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق شىنجاڭنى باسقۇچلۇق ‹‹كۆزدىن كۆچۈرۈش›› بولدى، يىغىندا ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم ئانالىز قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››ى كونكرېت پىلانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ 2011 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي تەلەپ، نىشان ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    2

    بۇ بەش يىلدا يېڭىچە سانائەتلىشىش ئەڭ مۇھىم تۈرتكە قىلىنىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، شەھەر – بازارلىشىش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم يېڭىچە سانائەتلىشىش تۇتقا قىلىنىپ، ‹‹يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكىر›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر – ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا قاتارلىقلار يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى. 2010 – يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى تەخمىنەن 195 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.31 ئاشتى. يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 541 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %6.01 بولدى.

    قورغاس، قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايون قۇرۇش بەلگە قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تىپىدىكى سانائەت رايونى قۇرۇش، ئايلانما ئىقتىساد ۋە تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، كەسىپلەرنى مۇجەسسەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈندى، يېڭى قۇرۇلغان سانائەت تۈرلىرىدە رايونلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 49 سانائەت رايونى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

    ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. خاس باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق تېز تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 2010 – يىلى تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرى ۋە بازاردا خېلى داۋالغۇش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 11 مىليون 710 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختا يېڭى رېكورت يارىتىلدى؛ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2 مىليون 480 مىڭ توننىغا يېتىپ، پاختىكارلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ مېۋىلىك باغ كۆلىمى 17 مىليون مو بولۇپ، مېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون توننىغا يەتتى؛ زامانىۋى چارۋىچىلىق تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇش تېزلىتىلىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئەندىزىسىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىلدى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى بىخەتەر، غەلىبىلىك، قالتىس ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ بىرى شۇ بولدىكى، شىنجاڭ چېگراغا جايلاشقان ئاپتونوم رايون بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى بولۇشتەك ئورنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

    3

    بۇ يىل 7 – ئايدا 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تۆت قىتئەدىكى 15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئىرقى، تىلى ئوخشىمايدىغان 2000 غا يېقىن سەنئەتكار ئۇسسۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، يېڭىدىن تىنچلىق، دوستلۇق كۆۋرۈكى سالدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات – نەشرىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىپ، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.

    ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خەن زىيۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان، مەدەنىي، ئىناق يېڭى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلغانلىقىدا.

    مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى يادروسىنى نامايان قىلىدىغان شىنجاڭ روھى تاۋلاپ چىقىلدى. ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىننەتدارلىق، ئەمگەكچانلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەش›› مەزمۇنىدىكى شىنجاڭ روھى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ كوللېكتىپ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، ئالىم خالىق ئەنە شۇنداق نەمۇنىلارنىڭ بىرى.

    ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ساۋ جىفېڭ بۇلتۇر 9 – ئايدا تۇنجى قېتىم كۈتۈنۈش پۇلى ئالدى. ئۇ خۇشاللىق بىلەن: 60 ياشقا كىرەي دېگەندە مائاش ئالالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، دېدى. 2010 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 300 مىڭ ‹‹7 – ماي ئىشچىسى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىسى›› ساۋ جىفېڭغا ئوخشاش كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىغان بولدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا ‹‹ئويلاپمۇ باقمىغان›› ئىشلار ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ تەرىپلەندى: 4 مىليوندىن كۆپ ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ مائاش كىرىمى ۋە تۇرمۇش تۇلۇقلىما پۇل سەۋىيەسى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئۆستۈرۈلدى؛ قەھرىتان سوغۇقتا، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى ‹‹خەلققە قولايلىق يارىتىش ئاپتوموبىلى›› ۋە يېشىل لېنتا ئېسىلغان ‹‹مېھىر – شەپقەت ئاپتوموبىلى›› شەھەر ئاھالىسىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1 مىليون 950 مىڭ خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ كەپىلىك مەھەللىدىكىلەر، چارۋىچىلىق رايونىدىكىلەر يېڭى، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەر(شەھەر)دىكى شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلار ئارقا – ئارقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئۆز يۇرتىدا ئوقۇش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى...

    2010 – يىلى 4 – ماي، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تاشبۇلاق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدانىدا، خۇيۈەنخاڭ مەھەللىسىدە جاڭ چۈنشيەن خەلقنىڭ سۆزىنى تىڭشاپ، خەلقنىڭ رايىنى سوراپ، ‹‹ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش››نى ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ سۆزلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا جاراڭلىدى.

    2010 – يىل بىر يىلدىلا ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن نىسبىتى ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنىڭ %17 ىنى ئىگىلىدى؛ بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› بولۇپ، 22 خىل، 80 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان قىلىش ئويلانغان بولسىمۇ، ئەمما قىلىنمىغان ئىشلار تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن ئىللىق كۈلكە جىلۋە قىلدى.

    ئەھمىيەتلىك بەش يىل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ توپلاپ، ئاساسنى پۇختىلىدى. گۈزەل شىنجاڭ كارتىنىسى ئارقا – ئارقىدىن نامايان قىلىندى، شىنجاڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئىلمىي تەرەققىيات، ھالقىما تەرەققىيات يولىنى بويلاپ داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى...

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!